مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدىنقى يەتتە ئايدا ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ 530 نەچچە مىليارد يۈەن بولدى

ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.3 ئاشتى

2019.08.14 15:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14 – ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تاشقى مەبلەغ مەھكىمىسى مەسئۇلىنىڭ 13 – ئاۋغۇست تونۇشتۇرۇشىچە، 1 – ئايدىن 7 – ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ سىجىل مۇقىم ئاشقان. 1 – ئايدىن 7 – ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا 24 مىڭ 50كە يېتىپ، ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ 533 مىليارد 140 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.3 ئاشقان (دوللار بويىچە ھېسابلىغاندا، ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ 78 مىليارد 800 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.6 ئاشقان). 7 – ئايدا، مەملىكەت بويىچە ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ 54 مىليارد 820 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.7 ئاشقان (دوللار بويىچە ھېسابلىغاندا، ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ 8 مىليارد 70 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.1 ئاشقان).

  يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ھەممىسى تېز سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلىغان. 1 – ئايدىن 7 – ئايغىچە، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئەمەلىي ئىشلەتكەن تاشقى مەبلەغ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43.1 ئېشىپ، %29.3نى ئىگىلىگەن؛ يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ ئەمەلىي ئىشلەتكەن تاشقى مەبلىغى 59 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19 ئاشقان؛ يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئىشلەتكەن تاشقى مەبلىغى 97 مىليارد 390 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %63.2 ئاشقان.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ