مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇساپىسى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، جۇڭگو قاتنىشى 70 يىلدا زور دەرىجىدە ئاشتى

2019.08.14 15:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى توغرىسىدا دوكلاتنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 70 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرى تېز سۈرئەتتە تورلىشىپ، ئۇنىۋېرسال تىرانسپورتقا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشقان. 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تىجارەت ئومۇمىي مۇساپىسى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول تىجارەت ئومۇمىي مۇساپىسى 132 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، 1949-يىلىدىكىدىن بەش ھەسسە ئاشقان. ئون يىلغا يېقىن تېز قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، «تۆت تىك، تۆت توغرا» يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئېلىمىز دۇنيادىكى بىردىنبىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورلاشقان دۆلەتكە ئايلانغان. 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تىجارەت ئومۇمىي مۇساپىسى 30 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، 2008-يىلىدىكىنىڭ 44.5 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تىجارەت مۇساپىسى دۇنيا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ئومۇمىي مۇساپىسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان.

  تاشيول تورى تەرەپ-تەرەپكە تۇتاشتۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 4 مىليون 850 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، 1949-يىلىدىكىدىن 60 ھەسسە ئاشقان. 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 143 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، ئومۇمىي مۇساپىسى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ