مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئېلىمىزنىڭ تور ئەھلى سانى 830 مىليونغا يەتتى

2019.08.14 15:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدىكى تور ئەھلى 1997-يىلىدىكى 620 مىڭدىن 2018-يىلىدىكى 830 مىليونغا كۆپەيگەن. 2018-يىلى كۆچمە ئالاقە تورىغا ئۇلىنىش ئېقىم مىقدارى ئىستېمالى 71 مىليارد 100 مىليون GB (گېگابايت)غا يېتىپ، 2013-يىلىدىكىنىڭ 56.1 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن.

  70 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ خەۋەرلىشىش كەسپى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى ھالقىما تەرەققىي قىلغان. 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئوپتىك تالا ئارقىلىق ئۇلىنىدىغان ئابونت 368 مىليونغا يەتكەن؛ 4G ئابونتى 1 مىليارد 170 مىليونغا يەتكەن.

  ئابونتچىلار كۆلىمى تەرەققىي قىلىپ زورايدى، تېلېگراف كەسپىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى تېز سۈرئەتتە ئاشتى. ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە تېلېفون ئابونتلىرى 1 مىليارد 750 مىليونغا يېتىپ، ئابونتلار كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان. كۆچمە كەڭ بەلباغ ئابونتلىرى (يەنى G3 ۋە G4 ئابۇنىتچىلىرى)نىڭ ئومۇمىي سانى 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 580 مىليوندىن 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 1 مىليارد 310 مىليوندىن ئېشىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %22.4 ئاشقان.

  رەقەملىك ئىستېمال ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى داۋاملىق ھاسىل قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزنىڭ توردا مال سېتىۋېلىش ئابونتلىرىنىڭ كۆلىمى 610 مىليونغا يېتىپ، تور ئەھلى ئومۇمىي سانىنىڭ %73.6ىنى ئىگىلىگەن.

  بۇنىڭدىن باشقا دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسپى 2014-يىلى ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتكەندىن كېيىن، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 1988-يىلىدىكى 1 مىليون 530 مىڭدىن كۆپىيىپ 50 مىليارد 700 مىليون پارچىگە يەتكەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ