مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ج خ مىنىستىرلىقى «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرى»دىن ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى

2019.08.14 15:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ج خ مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىكتە «‹ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرى›دىن ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، جەمئىيەتتە «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرى»دىن ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ج خ خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرى»دىن ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ج خ قەھرىمان نەمۇنىچىلىرىنىڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرى تىپلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك؛ كەڭ خەلق ساقچىلىرى ئىلغار نەمۇنىچىلارنى ئۈلگە قىلىپ، «تۆت پولاتتەك» جامائەت خەۋپسىزلىكى تۆمۈر ئارمىيە ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، تۆھپە قوشۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ج خ خىزمىتىنى چۈشىنىدىغان، قوللايدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، يېڭى جۇڭگونى مەدھىيەلەيدىغان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ياڭراق مېلودىيەنى ياڭرىتىشقا يېتەكلەش لازىم.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىش، تاللاش، كۆرسىتىش، باھالاش، ئېلان قىلىش مۇراسىمى، مەركەزلىك تەشۋىق قىلىش، ئۆگىنىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ھالقىلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، سىياسىي جەھەتتە گەۋدىلىك بولۇش، ئەمەلىي نەتىجىسى گەۋدىلىك بولۇش، ئامما ئېتىراپ قىلىش ئۆلچىمىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىش، تۆۋەندىن دەرىجىمۇ دەرىجە قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ كەڭ ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرى ۋە كادىرلار، ئاممىنى پائال قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، تەشكىل كۆرسىتىش، تاراتقۇلار كۆرسىتىش، ئامما كۆرسىتىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئەتراپىمىزدىكى مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، تۆھپە قوشۇشتەك تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، بىر قاتار مۇراسىم تۇيغۇسى، تەنتەنىلىك تۇيغۇغا ئىگە پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، يېڭى دەۋردىكى ج خ ئورگانلىرى ۋە ج خ خەلق ساقچىلىرىنىڭ «پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش»تەك ياخشى روھىنى تولۇق نامايان قىلىپ، كەڭ ساقچىلارنى ئىلغار تىپلاردىن مەنىۋى كۈچ ھاسىل قىلىپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش، ئامانلىق ساقلاش، مۇقىملىقنى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك؛ ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنىڭ مەھەللە، كارخانا، مەكتەپ، تور بېكەتلىرىگە كىرىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى جانلىق تارقىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەت، بولۇپمۇ ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قارىشى ۋە دۆلەت ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈپ، تىنچ جۇڭگو، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ