مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش مەركىزى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا روھلاندۇرۇش دورىسىىنى ئىشلىتىشكە چېتىشلىق 3 دېلونى ئېلان قىلدى

2019.08.14 14:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش مەركىزى 13- چېسلابەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا روھلاندۇرۇش دورىسىنى ئىشلىتىشكە چېتىشلىق 3 دېلونى ئېلان قىلدى.

  بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش 3 دېلوسى ئىچىدە، ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ياڭ فاڭشۈ 2018- يىلى 8- ئاينىڭ 11- كۈنى مۇسابىقە سىرتىدىكى تەكشۈرۈشتە تاشقى مەنبەلىك قىزىل قان ھۈجەيرىسى ھاسىل قىلغۇچى ھورمون (EPO) نىڭ مۇسبەت ئىكەنلىكى بايقىلىپ مۇسابىقىدىن تۆت يىل چەكلەندى، مۇسابىقىدىن چەكلىنىش مەزگىلى 2022- يىلى 9- ئاينىڭ 11- كۈنىگىچە بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 20 خىل روھلاندۇرۇش دورىسىنى تەكشۈرۈش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغان بولدى.

  روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش مەركىزى بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلغان روھلاندۇرۇش دورىسىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشتىلىشكە چېتىشلىق 2 دېلو ئىچىدە، شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنشياڭ 1- ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى سۇ گۇەنجۇڭ 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 12- كۈنى ۋە 13- كۈنىدىكى ئالىي مەكتەپ تەنتەربىيە ئالاھىدە ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا تۈرى سىنىقىدا، چەكلەنگەن ماددا ستېنازول ئىشلەتكەنلىكى بايقالدى، ئالىي مەكتەپ بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىپ، كېيىنكى ئۈچ يىلدا ئىمتىھان بېرىشكە رۇخسەت قىلمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ترېنېرى لى يەنباۋ مۇسابىقىدىن ئىككى يىل چەكلەندى.

  مۇز توپ ماھىرى لى جياشىن 2019- يىلى 2- ئاينىڭ 11- كۈنىدىكى مۇسابىقە سىرتىدا تەكشۈرۈشتە ھىدروخلوروتىئازىندا مۇسبەتلىك پەيدا بولۇپ، بۇ تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىدىن بىر يىل چەكلەندى، ئۇنىڭ ترېنېرى ۋاڭ يۇڭجۈن مۇسابىقىدىن ئالتە ئاي چەكلەندى، تەنھەرىكەتچىلەر تۇرۇشلۇق چىچىخار شەھىرى لەندى مۇز توپ كۇلۇبى ئاگاھلاندۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ