مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن شياڭگاڭ ئوتتۇرىسىدىكى يولۇچىلارنىڭ نورمال سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى

ئۈچ ئاۋىئاتسىيە شىركىتى جۇڭگو شياڭگاڭ ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىنىڭ يولۇچىلار بېلىتىنى بىر تەرەپ قىلىشقا چېتىشلىق لايىھىسىنى ئېلان قىلدى

2019.08.14 14:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ 12- چېسلا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: يېقىندا شياڭگاڭ ئايرودرومىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىغا قارىتا، جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى توشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئايروپىلان بېلىتىنى قايتۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمىن چوڭ قولتۇق رايونىدىكى ئايرودۇرۇم توپىنىڭ ئۇلاپ توشۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن شياڭگاڭ ئارىسىدىكى يولۇچىلارنىڭ نورمال سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  8-ئاينىڭ 12- كۈنى شياڭگاڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ مۇلازىمەت كاپالەت ئىقتىدارىنىڭ چەكلىمىسى تەسىرىدە، شياڭگاڭغا كىرىش-چىقىش نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ بىر قىسمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ياكى قونۇشقا تەييارلاندى، 13- چېسلا، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى، جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى ۋە شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتى جۇڭگو شياڭگاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى يولۇچىلار بېلىتىنى بىر تەرەپ قىلىشقا چېتىشلىق لايىھەنى ئېلان قىلدى. جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى 2019- يىلى 8- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن بۇرۇن جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى جۇڭگو شياڭگاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ بېلىتىنى سېتىۋالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ساياھەت ۋاقتى 2019- يىلى 8- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 13- كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا ۋە 8- ئاينىڭ 14- كۈنى CA118 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ 999 يولۇچىلار بېلىتىنى سېتىۋالغان، بېلەت كۈچكە ئىگە بولغان مۇددەت ئىچىدە بېلەت قايتۇرۇش رەسمىيەت ھەققى تۆلەش ھاجەتسىز ئىكەنلىكى ، ھەمدە بەلگىلىك شەرت ئىچىدە بىر قېتىم ھەقسىز ئۆزگەرتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى. جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى ۋە شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتىمۇ تەسىرگە ئۇچرىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ھەقسىز قايتۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىشكە بولىدىغان كونكرېت تەلەپلەرنى ئېلان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ