پىكاپ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋاتقاندا، كەلكۈننىڭ زەربىسىدە ئېقىپ كەتتى، بىڭجوۋ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىكىلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى

2019.08.13 16:36 مەنبە: خەلق تورى

  


  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 11-كۈنى، «لىچىما» ناملىق تەيفېڭ بورىنىنىڭ تەسىرىدە، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ زۇپىڭ شەھىرىدە ئومۇميۈزلۈك قارايامغۇر يېغىپ، دەريا-ئېقىنلارنىڭ سۇ ئورنى تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ كەتتى. 11-چېسلا سائەت 6 دىن 2 مىنۇت ئۆتكەندە، زۇپىڭ شەھىرى خېبەنشەن تېغى ئېتىكىدە، بىر قارا رەڭلىك پىكاپ كەلكۈن سۈيى ئېقىۋاتقان كۆۋرۈكتىن تەۋەككۈل قىلىپ ئۆتۈۋاتقاندا، كەلكۈن سۈيى شىددەت بىلەن ئېقىۋاتقان بولغاچقا، پىكاپنى كەلكۈن ئېقىتىپ كېتىپ، شوپۇر ئاپتوموبىلدا قاپسىلىپ قالدى. زۇ پىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىكى كوماندىر-جەڭچىلەر مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزدى.

  ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، دەريا ئېقىنىنىڭ شىددەتلىك ئېقىۋاتقانلىقىنى، پىكاپنىڭ كۆۋرۈكتىن 300 مېتىر يىراقلىقتىكى جايغا ئېقىپ كەتكەنلىكىنى، پىكاپ دەريادىكى لاي-لاتقىلار ۋە تاشلار تەرىپىدىن قىسىلىپ قېلىپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئۈستى غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرغانلىقىنى، ئاپتوموبىل ئىچىدە قاپسىلىپ قالغان شوپۇرنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغانلىقىنى بايقىدى.

  قاپسىلىپ قالغان ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى نەق مەيداندىكى ئەھۋالغا ئاساسەن دەرھال قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇردى، ئالدى بىلەن ئارغامچىنى دەريا قىرغىقىنىڭ ئىككى تەرىپىگە مۇقىملاشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇغا بىر قەدەر ماھىر، قۇتقۇزۇش تەجرىبىسى مول ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنىڭ شەخسىي مۇداپىئەسىنى ياخشى ئىشلىگەندىن كېيىن قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتتى، ئۇ، ئارغامچا ئارقىلىق قاپسىلىپ قالغان ئاپتوموبىلنىڭ قېشىغا سىيرىلىپ يېتىپ باردى، كەلكۈن سۈيى شىددەت بىلەن ئېقىۋاتقاچقا، قۇتقۇزۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرىلاپ، ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنىڭ دەسسەيدىغان مۇۋاپىق جاي تېپىشى تەس بولدى، كۆپ قېتىملىق سىناشتا ھېچقانداق نەتىجە بولمىدى. لېكىن ئوت ئۆچۈرۈش كوماندىر-جەڭچىلىرى باشتىن-ئاخىر ۋاز كەچمىدى، قۇتقۇزۇش يەنىلا جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا ئىدى.

  بۇ يەردە ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى شوپۇرلارغا ماشىنا ھەيدەپ كەلكۈن ئۆتىدىغان كۆۋرۈكتىن ئۆتكەندە، ئۆزىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تەۋەككۈل قىلماسلىقنى ئەسكەرتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ