مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو تۆمۈريولى نەنچاڭ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى ما يېجياڭ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلدى

2019.08.13 16:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جياڭشى ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو تۆمۈريولى نەنچاڭ ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن باش مۇدىرى، باش دىرېكتورى ما يېجياڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق بولغانلىقتىن، ھازىر مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ جۇڭگو دۆلەتلىك تۆمۈريول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش-رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە جياڭشى ئۆلكىلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

  مايېجاڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  ما يېجياڭ، ئەر، مانجۇ مىللىتىدىن، 1967-يىلى 11-ئايدا تۇغۇلغان، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ لياۋيۈەن ناھىيەسىدىن، سانائەت پەنلىرى دوكتورى، 1990-يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1995-يىلى 11-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

  1990-يىلى 7-ئايدىن 1991-يىلى 7-ئايغىچە ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى ئۈرۈمچى شۆبە ئىدارىسىنىڭ ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالى تۆگە چوققىسى سېخىدا پىراكتىكانت بولغان؛

  1991-يىلى 7-ئايدىن 2001-يىلى 7-ئايغىچە ئۈرۈمچى تۆمۈريول شۆبە ئىدارىسى ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالىنىڭ ۋاكالىتەن سىگنال بەرگۈچى خادىمى، ۋاگون يۆتكەش رايونىنىڭ باشلىقى، تېخنىكا ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، باش ئىنژېنېرى، مۇئاۋىن ۋوگزال باشلىقى، ئۈرۈمچى شىمالىي ۋوگزالىنىڭ باشلىقى بولغان؛

  2001-يىلى 7-ئايدىن 2007-يىلى 5-ئايغىچە ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى تىرانسپورت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دىسپېتچېرلىك ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۈرۈمچى پاراۋوز ئۇچاستىكىسىنىڭ باشلىقى، پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛

  2007-يىلى 5-ئايدىن 2014-يىلى 10-ئايغىچە ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى ئىدارە باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان؛

  2014-يىلى 10-ئايدىن 2017-يىلى 9-ئايغىچە ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان؛

  2017-يىلى 9-ئايدىن 2017-يىلى 11-ئايغىچە جۇڭگو تۆمۈريولى نەنچاڭ ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دىرېكتورى بولغان؛

  2017-يىلى 11-ئايدىن ھازىرغىچە، جۇڭگو تۆمۈريولى نەنچاڭ ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش مۇدىرى، باش دىرېكتورى بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ