شياڭگاڭ ساقچى تەرەپ رادىكال نامايىشچىدىن يەنە 149نى قولغا ئالدى

2019.08.13 16:12 مەنبە: خەلق تورى

  8-ئاينىڭ 12-كۈنى، شياڭگاڭ ساقچى باش ئىشتابىدا، مۇخبىر ساقچىلار كۆرسەتكەن ماددىي ئىسپاتلارنى سۈرەتكە تارتماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شياڭگاڭ ساقچىلىرى 12-ئاۋغۇست مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن بىر نەچچە كۈنلۈك رادىكاللارنىڭ كۈچ كۆرسىتىش پائالىيىتىدە 149 ئادەم قولغا ئېلىندى، ئۇلار قانۇنسىز يىغىلىش، ساقچىغا ھۇجۇم قىلىش، ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرىدىكى قورال-ياراغلارنى يوشۇرۇپ قويۇش قاتارلىقلارغا چېتىشلىق.

  شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت ساقچى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دېڭ بىڭچياڭ 12-چېسلا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى بىر قاتار نامايىش پائالىيەتلىرىدە، رادىكال نامايىشچىلار خالىغانچە ئەسكىلىك قىلىپ، زوراۋانلىق دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى ھەمدە بۇ ۋەقەنى پۈتۈن شياڭگاڭغا كېڭەيتىپ، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالدى.

  9-چېسلادىن 12-چېسلاغىچە ساقچىلار 149 ئادەمنى قولغا ئالدى، بۇنىڭ ئىچىدە 111 ئەر ۋە 38 ئايال بار بولۇپ، يېشى 15 ياشتىن 53 ياشقىچە، چېتىلىدىغان جىنايەتلىرى قانۇنسىز يىغىلىش، ساقچىغا ھۇجۇم قىلىش، ساقچى خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش، ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرلىك قورال-ياراغ، خەتەرلىك بۇيۇملارنى يوشۇرۇپ قويۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  دېڭ بىڭچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 8-ئاينىڭ 11-كۈنى، شېنشۇيبۇ ۋە تۇڭلوۋەندە نامايىشچىلار ساقچىلارنىڭ قارشىلىقىغا پەرۋا قىلماي، تەستىقسىز يىغىلىش ۋە نامايىش قىلدى، ئارقىدىن بىر قىسىم نامايىشچىلار شياڭگاڭنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا تارقىلىپ، ئاساسلىق يوللارنى توسۇۋالدى، ساقچى مەھكىمىلىرىنى قورشىۋالدى، ساقچى ئاپتوموبىللىرىنى ۋەيران قىلدى. جيەنشازۈيدە، بىر زوراۋان بېنزىن بومبىسىنى ساقچى مەھكىمىسىگە ئېتىپ، بىر ساقچىنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ كۆيۈپ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ساقچىلار نامايىشچىلار ئىچىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا دىققەت قىلدى، شۇڭا ئاخبارات يېتەكچىلىك ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، بۇ يادرولۇق زوراۋانلارغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك جىنايى ئىشلار تەكشۈرۈشى ئېلىپ باردى. ساقچى تەرەپ توڭلوۋەندە 15 يادرولۇق زوراۋاننى قولغا ئالدى.

  دېڭ بىڭچياڭ مۇنداق دېدى: بەزىلەر قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا، ساقچىلار چوقۇم قانۇن ئىجرا قىلىشى كېرەك، ئۇ نامايىشچىلارنىڭ شياڭگاڭنىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپىنى زورلۇق كۈچ بىلەن قالايمىقان قىلماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە جەمئىيەتنىڭ تېزرەك تىنچلىنىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ