خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
ياش ئەۋلادلار غايىلىك، قابىلىيەتلىك، مەسئۇلىيەتچان بولسا، دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى بولىدۇ، مىللەتتە ئۈمىد بولىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ياشلارنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. سىلەرنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇلۇغۋار غايىنى كۆڭلىڭلەرگە پۈكۈپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، بالدۇرراق ياراملىق مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۆگەنگەن ماھارىتىڭلارنى ۋەتەن ۋە خەلققە بېغىشلاپ، ياشلىق نۇرىنى ئارزۇ ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىدا چاقنىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
−− شى جىنپىڭ
«2018-يىلىدىن بۇيان، موسكۋا داشۆسىگە ئوقۇشقا كەلگەن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، نۇرغۇن كىشىلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ موسكۋا داشۆسىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا يازغان جاۋاب خېتىنى كۆرۈپ، داڭقىنى ئاڭلاپ كەلدى»، دېدى تولۇق كۇرسنى موسكۋا داشۆسىدە ئوقۇغان ئاسپىرانت 1- يىللىق ئوقۇغۇچىسى ليۇ چى ساۋاقداش ئىنى-سىڭىللىرىغا ئەينى يىلى خەت يازغان كۆرۈنۈشلەرنى ئەسلەپ بەرگەندە پەخىرلىنىپ: «مەن پۈتكۈل جەريانغا ئۆز كۆزۈم بىلەن شاھىت بولدۇم»، دېدى.
2017-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى، موسكۋا داشۆسىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئالغا ئىنتىلىش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى. شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۇلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى. خېتىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئۇلارنى چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياشلىق نۇرىنى ئارزۇ ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىدا چاقنىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.
«ئۇلۇغ دەۋر ياش ئەۋلادلارنى چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا چاقىرماقتا»
رۇسىيەدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، 2017-يىلى بىر ئالاھىدە يىل بولدى. شۇ يىلى رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ موسكىۋا داشۆسىدە «ئۈمىد سىلەردە» دېگەن مەشھۇر سۆزىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، شۇنداقلا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلغان يىل، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ 100 يىللىقى ئىدى.
«19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى ‹100 يىل ئىلگىرى، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ زەمبىرەك ئاۋازى جۇڭگوغا ماركسىزم- لېنىنىزمنى ئېلىپ كەلدى›، ‹ياش ئەۋلادلار غايىلىك، قابىلىيەتلىك، مەسئۇلىيەتچان بولسا، دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى بولىدۇ، مىللەتتە ئۈمىد بولىدۇ› دېگەن سۆزلەرنى ئوقۇغاندا، بىز ئادەتتىن تاشقىرى ھاياجانلىنىپ، مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلدۇق»، دېدى بۇ يىل يېڭىلا ۋەتەنگە قايتىپ تەرەققىي قىلىۋاتقان موسكۋا داشۆسى قانۇنچىلىق پەنلىرى دوكتۇرى لۇ سېنتوڭ. ئۇ رۇسىيەدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار باش ئۇيۇشمىسىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك رەئىسى، شۇنداقلا ئۇ يىلى خەت يازغاندا قەلەم تەۋرەتكەنلەرنىڭ بىرى. خەت يېزىش مەقسىتى ھەققىدە سۆز قىلغاندا، ئۇ: «كۆپچىلىك بۇرۇنلا مۇشۇنداق بىر پارچە خەتنى يېزىپ، رەئىس شى جىنپىڭغا ۋەتەننىڭ كۈنسىرى كۈچىيىشىگە بولغان ئىپتىخارلىق ھېسسىياتىمىز ۋە ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىمىزنى ئىپادىلەشنى ئويلىغان ئىدۇق»، دېدى. ئۇلارنىڭ ئويى جۇڭگونىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، موسكۋا داشۆسىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىدىكى ساۋاقداشلار دەرھال قولىغا قەلەم ئېلىپ خەت يازدى. (بۇ يەرنى بېسىپ، تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى