مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قانۇنسىز قورال-ياراغ، پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىرتۇتاش كۆيدۈردى

ج خ مىنىستىرلىقى قورال-ياراغ، پارتلىتىش جىنايىتىگە زەربە بېرىشتىكى ئون چوڭ دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى

2019.08.13 16:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى مەملىكەت بويىچە ۋۇخەن قاتارلىق 154 شەھەردىكى ج خ ئورگانلىرىنى تەشكىللەپ «قانۇنسىز قورال-ياراغلارنى كۆيدۈرۈش، يوشۇرۇن ئاپەتنى يوقىتىش، چوڭ مەرىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغداش» ئاساسىي تېما قىلىنغان قانۇنسىز قورال-ياراغ، پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىرتۇتاش كۆيدۈرۈش پائالىيىتىنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇپ، بۇلتۇردىن بۇيان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرى يىغىۋالغان ۋە ئامما تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغان يەل مىلتىقى، ئوۋ مىلتىقى قاتارلىق 107 مىڭ قانۇنسىز قورال-ياراغ ۋە زور بىر تۈركۈم پارتلاتقۇچ دورا، پىستان قاتارلىق پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىخەتەر كۆيدۈردى.

  2018-يىلى 2-ئايدا، ج خ مىنىستىرلىقى باشچىلىقىدا 24 تارماق قاتناشقان قورال-ياراغ، پارتلاتقۇچ بۇيۇملارغا زەربە بېرىش، تۈزەشكە دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش، تۈزەش مىنىستىرلىقلار بىرلەشمە كېڭىشى قۇرۇلدى، كېڭەش يىغىندا ئىككى يىللىق قانۇنغا خىلاپ قورال-ياراغ، پارتلاتقۇچ بۇيۇملار جىنايى ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش، تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ يىلدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە قورالغا، پارتلىتىشقا چېتىشلىق 16 مىڭ دېلو پاش قىلىندى، 163 جىنايەت شايكىسى، 117 جىنايەت ئۇۋىسى بىتچىت قىلىندى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان 17 مىڭ جىنايەت گۇماندارىغا زەربە بېرىلدى ۋە بىر تەرەپ قىلىندى. زەربە بېرىش، تۈزەش ئارقىلىق، 1-ئايدىن 7-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە قورال ئىشلىتىش، پارتلىتىش دېلولىرىنىڭ ئومۇمىي سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 تۆۋەنلىدى.

  ئاممىنى تولۇق سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش، ئاممىغا تولۇق تايىنىش قورال-ياراغ، پارتلىتىشقا دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلىرىنى مەخسۇس تۈزەش كۈرىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ھازىرغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئاممىنىڭ پاش قىلىشىغا ئاساسەن قورالغا، پارتلاشقا چېتىشلىق دېلودىن 1040نى پاش قىلدى، دېلوغا چېتىشلىق 1165 ئادەمنى قولغا ئالدى، 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلدى. ئامما تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۇقىرىغا تاپشۇرغان، پاش قىلغان، تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن قورال-ياراغ، پارتلاتقۇچ بۇيۇم سانى يىغىۋېلىنغان ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %72 ىنى ئىگىلىدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قورال-ياراغ، پارتلىتىشقا دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش ۋە ئۇنى تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى ۋە ئۈنۈمىنى تولۇق نامايان قىلىپ، قورال-ياراغ، پارتلىتىشقا دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش، قاتتىق تۈزەش پوزىتسىيەسى ۋە ئىرادىسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ج خ مىنىستىرلىقى 12-چېسلا جەمئىيەتكە 2019-يىلى مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قورال-ياراغ، پارتلىتىش جىنايىتىگە زەربە بېرىشتىكى ئون چوڭ تىپىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى.

  1. جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىنيۈ شەھىرىدىكى قورال-ياراغ، ئوق-دورىلارنى قانۇنسىز ياساش، ئېلىپ-سېتىش دېلوسى پاش قىلىندى.

  2. خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يىچاڭ شەھىرىدىكى قورال-ياراغ، ئوق-دورىلارنى قانۇنسىز ياساش، ئېلىپ-سېتىش دېلوسى پاش قىلىندى.

  3. خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ خۇارۇڭ شەھىرىدىكى توردا قورال-ياراغ ئېلىپ سېتىش دېلوسى پاش قىلىندى.

  4. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنجېن شەھىرىدىكى قورال-ياراغ ئەتكەسچىلىكى، قانۇنسىز ئېلىپ-سېتىش دېلوسى پاش قىلىندى.

  5. چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ جيۇلۇڭپودىكى قانۇنسىز قورال-ياراغ ياساش دېلوسى پاش قىلىندى.

  6. سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ سۈينىڭ شەھىرىدىكى ئۇچۇر تورىدىن قانۇنسىز پايدىلىنىپ قورال-ياراغ ئېلىپ-سېتىش دېلوسى پاش قىلىندى.

  7. خېبېي ئۆلكىسىنىڭ باۋدىڭ شەھىرىدىكى قانۇنسىز پارتلاتقۇچ بۇيۇم ياساش، سېتىش دېلوسى پاش قىلىندى.

  8. سەنشى ئۆلكىسىنىڭ لۈلياڭ شەھىرىدىكى قانۇنسىز پارتلاتقۇچ بۇيۇم ياساش، سېتىش دېلوسى پاش قىلىندى.

  9. فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ فۇچىڭ شەھىرىدىكى قانۇنسىز پارتلاتقۇچ بۇيۇم ياساش، سېتىش دېلوسى پاش قىلىندى.

  10. خېنەن ئۆلكىسىنىڭ دېڭفېڭ شەھىرىدىكى قانۇنسىز پارتلاتقۇچ بۇيۇم ياساش، سېتىش دېلوسى پاش قىلىندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ