مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

غەمخورلۇق ۋە ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش داۋامىدا ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش

__ باش شۇجى شى جىنپىڭ غەم يېگەن خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرى «ئاجىزلارنىڭ يار – يۆلىكى بولۇش» قىسمى

2019.08.13 15:07 مەنبە: خەلق تورى

  【مۇقەددىمە】

  ئاجىزلارنى يۆلەپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىدىغان گۈزەل ئەخلاقى.

  تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى جەمئىيەتتە يەنە بىر قىسىم قىيىنچىلىقى بار ئامما بار. بۇ كىشىلەرنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئاجىزلارنىڭ يار – يۆلىكى بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى.

  مېيىپلارنى ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش، ئىشتىن قېلىپ قايتا ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ كۈنلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆتۈشىگە تىلەك تىلەش، يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش، مۇڭدىشىش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش... باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن – ئاخىر قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئامان – ئېسەنلىكىگە، ھال – ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى تىرىشىپ تېخىمۇ گۈزەل يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ غەمخورلۇق قىلغان ئاشۇ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قايتا زىيارەت قىلىش جەريانىدا، مۇخبىر ئۇلارنىڭ مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، توختىماي ئالغا بېسىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ ياخشىلىنىپ، كەيپىياتى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى تېخىمۇ ئاشتى.

  【بىرىنچى ھېكايە】

  ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، پۈتۈنلەي يېڭى ئۆزى بىلەن قەد كۆتۈرۈش

  سىز قۇتۇلۇپ قالدىڭىز، بىر كىچىك ئەسكەر يامغۇرلۇق كىيىمنى ئۈستىڭىزگە يېپىپ قويدى «مېنى تارتىپ چىققىنى بىر ليەنجاڭ، كېيىن ئاڭلىسام ئۇ بىر ئالتە ياشلىق يېتىم بالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن «ئۇ مەڭگۈ تاڭشەندە قېلىپ قاپتۇ

  سۆيۈملۈك دوستۇم يەنە سۆزلىشىم كېرەكمۇ؟!

  «بۇنداق ھەقىقىي ھېكايىلەرنى 100كۈن سۆزلەپ بېرەلەيمەن......»

  2016 – يىلى 7 – ئاينىڭ 28 – كۈنى، يارىلىنىپ كەسمە پالەچ بولۇپ قالغان ياڭ يۈفاڭ، گاۋ جىخۇڭ ئەر – خوتۇنغا نىسبەتەن مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى. بۇ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جېبېي تاڭشەن شەھىرىگە تەكشۈرۈشكە كەلدى. تاڭشەن شەھەرلىك كەسمە پالەچ ساناتورىيەسىدە ياڭ يۈفاڭ، گاۋ جىخۇڭ ئەر – خوتۇن ئىلھاملىنىپ باش شۇجى شى جىنپىڭغا «سىلەرنى كۆرۈپ ناھايىتى يېقىن ھېس قىلدىم» دېگەن ئىجادىي شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى.

  «دەسلىپىدە ئىنتايىن جىددىيلەشتىم، لېكىن تېزلا ئەسلىمگە كەلدىم» دېدى ياڭ يۈفاڭ ئەسلەپ، شۇ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈلۈمسىرەپ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئەر – خوتۇن ئىككىيلەننىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالى، ھازىر قانداق قىيىنچىلىقى بارلىقىنى سورىدى... «كۆرۈشمىگىلى ئۇزاق يىل بولغان كونا دوستلاردەك مۇڭداشتى».

  «ساغلام كىشىلەر ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزەلەيدۇ، مېيىپلارمۇ ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزەلەيدۇ». گاۋ جىخۇڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گېپىنىڭ ئۇلارغا زور ئىلھام بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىكى ياشانغانلارغا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ بېرىپ، ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقاتتى؛ قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياساپ خەير – ساخاۋەتكە ئاتاپ سېتىپ، نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بەردى......

  «قولىمىزنى مىدىرلىتىپ، يازالايدىغان، دېكلاماتسىيە قىلالايدىغان بولغاندىن كېيىن، كۆپچىلىككە گۈزەل ئىشلارنى بېغىشلىشىمىز كېرەك» دېدى گاۋ جىخۇڭ.

  ياڭ يۈفاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ بىرقانچە يىلدا ئۇنىڭ پېنسىيە مائاشى يىلدا ئۆسۈپ، دۆلەت يەنە مېيىپلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىدىغان نۇرغۇن باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئېلان قىلىپتۇ. ئۇ ھازىر باشقىلارغا ئاچقۇچ سەپلەپ بېرىدىكەن، يەنە ئىككىيلەننىڭ پېنسىيە مائاشىنى قوشسا ئايدا 6000 – 7000 يۈەن كىرىم قىلىدىكەن، تۇرمۇش خىراجىتىمۇ كۆپ ئەمەسكەن، بۇنىڭدىن كېيىن مۇمكىن بولسا ياردەمگە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە بىر قىسمىنى ئىئانە قىلىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.

  «داۋالاش خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مېيىپلارنى ئۆز تۇغقىنىمدەك كۆرۈپ، مېيىپلارنى ئەتراپلىق، ئىنچىكە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمەن». تاڭشەن شەھەرلىك كەسمە پالەچ ساناتورىيەسىنىڭ باشلىقى ياڭ جېنشېڭ بىر تەرەپتىن ھازىر قۇرۇلۇۋاتقان تاڭشەن شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىگە ئوخشاش ياخشى قاتتىق دېتاللارنى سەپلەپ، كەلگۈسىدە ياشانغانلارنىڭ كۆچۈپ كىرىشى ئۈچۈن يېتەرلىك كارىۋات ئورنى ھازىرلايدىغانلىقى؛ يەنە بىر تەرەپتىن داۋالاش خادىملىرىنى ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلارغا بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىپ، كەسپىي داۋالاش سەۋىيەسىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى تونۇشتۇردى.

  ياڭ جېنشېڭ مۇنداق دېدى: ماددىي جەھەتتىن تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش بىلەن بىرگە، مەنىۋى جەھەتتىكى ھاللىق سەۋىيەنىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ساناتورىيەدە كۇتۇپخانا، پىسخىكىدىن مەسلىھەت بېرىش ئۆيى، قۇياش نۇرى پائالىيەت ئۆيى تەسىس قىلىنىپ، داۋالاش خادىملىرى دوختۇرخانىدا ياتقانلار بىلەن قەرەللىك سىردىشىدۇ، قىسمەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارمۇ دائىم ساناتورىيەگە كېلىپ پىدائىيلار پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. نۇرغۇن ياشانغانلار تاشقى دۇنيانى چۈشىنىدىغان كۆزنىكىمىز تېخىمۇ كېڭەيدى دېيىشىدۇ.

  «زېمىن پۈتۈنلەي يېڭى باشقا بىر ئۆزۈمنى ياراتقان بولسا، ئۇنداقتا پۈتۈنلەي يېڭى ئۆزۈم بىلەن بۇ دۇنيادا باشقىدىن قەد كۆتۈرىمەن»، بۇ ساناتورىيەدىكى نۇرغۇن مېيىپنىڭ ھېكمەتلىك سۆزىگە ئايلاندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ