مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ شياڭگاڭ ئىشلىرىغا قول تىقىشىنى دەرھال توختىتىشقا دەۋەت قىلدى

2019.08.13 14:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 12- چېسلا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ شياڭگاڭ ئىشلىرىغا قول تىقىشنى دەرھال توختىتىشقا دەۋەت قىلدى.

  بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئىلگىرى ئىران قاتارلىق دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن «رەڭلىك ئىنقىلاب»قا قاتناشقان دەپ گۇمان قىلىنغان. جۇڭگو تەرەپ يەنە شياڭگاڭدا يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەردە روشەن «رەڭلىك ئىنقىلاب»نىڭ ئالاھىدىلىكى بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ، جۇڭگونىڭ ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بۇنىڭغا قاتناشقانلىقىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ-قانداق؟ جۇڭگو بۇنىڭغا ھەرقانداق بىر ئىسپات كۆرسىتەلەمدۇ؟

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: يېقىندىن بۇيان، ئامېرىكا شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرى ئۈستىدىن كەينى-كەينىدىن قالايمىقان سۆزلەپ، ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، ئوتقۇيرۇقلۇق قىلدى. ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى يەنە جۇڭگوغا قارشى تۇرۇپ شياڭگاڭنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان ئۇنسۇرلار بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتىنى سەۋەبسىز ئەيىبلەپ، زوراۋانلىق ۋە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ئۈچۈن مەدەت بېرىپ، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېنىق پاكىت! مەن ئامېرىكىدىن يەنە بىر قېتىم سوراي، سىلەرنىڭ غەرىزىڭلار زادى نېمە؟ سىلەر شياڭگاڭدىن پايدىلىنىپ نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟

  ئۇ يەنە بىر قېتىم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شياڭگاڭ جۇڭگونىڭ شياڭگاڭى، شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا تەۋە. جۇڭگو ئامېرىكىنى خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ئەمەل قىلىپ، شياڭگاڭ ئىشلىرىغا قول تىقىشنى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى دەرھال توختىتىشقا دەۋەت قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ