مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگونىڭ ھەرقانداق قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى يېڭىشكە يېتەرلىك ئىشەنچىسى بار

2019.08.13 14:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكا تەرەپ قوزغىغان ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشى جۇڭگو ئىقتىسادىغا، ھەتتا دۇنيا ئىقتىسادىغا نۇرغۇن ئېنىقسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ئامېرىكا ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە تاموژنا بېجى كالتىكىنى كۆتۈرۈپ چىققانلىقتىن، خەلق پۇلىنى ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇشنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سېرتىدىكى پېرېۋوت نىسبىتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «7»نى بۆسۈپ ئۆتتى.ئامېرىكا يەنە كونا مۇقامنى تەكرارلاپ، جۇڭگونى «پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلغۇچى دۆلەت» قاتارىغا كىرگۈزدى. لېكىن، دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىقىتسادىي ئورتاق گەۋدىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونىڭ قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى يېڭىشكە يېتەرلىك ئىشەنچىسى بارمۇ-يوق، دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۈرتكىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرالامدۇ-يوق، دېگەندەك مەسىلىلەرگە قارىتا، پۈتۈن دۇنيا دىققەت قىلىۋاتىدۇ.

  جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئىستىقبالىغا نەزەر سالساق، جۇڭگو ئىقتىسادىدا نامايان بولىۋاتقان مۇستەھكەم تىرەك ۋە غايەت زور ئېلاستىكىلىق جەزمەن كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ. گەرچە ئىچكى ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلىشىدەك بېسىم، تاشقى ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشى قاتارلىق خەۋپ-خەتەرلەر ۋە خىرىسلار مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا مۇقىم بولۇشى ۋەسالماقلىق بىلەن ئىلگىرىلەشىدەك تەرەققىيات ۋەزىيىتى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يارقىن نۇقتىسى بولماقتا. پاكىت ئالدىدا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىكى قىسقا مۇددەتلىك داۋالغۇشىنى مۇبالىغە قىلىش، جۇڭگو ئىقتىسادىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى بەزى خەۋپ-خەتەرنى بىر تەرەپلىمە ھالدا چوڭايتىشتەك ھەرقانداق ئىناقسىزلىق سادالىرى ئاجىز كۆرۈنىدۇ.

  جۇڭگو ئىقتىسادىنى تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىشتا. دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر ۋە يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن قاراش كېرەك. ئىقتىسادىي ھەرىكەتتىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلە ئەلۋەتتە تەرەققىيات داۋامىدىكى مەسىلە ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى تەڭشەش ھېسابلىنىدۇ، بۇلار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. پۇرسەت خىرىستىن كۆپ، ۋاقىت ۋە كۈچ يەنىلا بىزدە.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ