مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى قۇربان ھېيتلىق كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

يۇچۈەن يىغىنغا قاتناشتى

2019.08.13 14:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى 12- چېسلا بېيجىڭدا كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يۇ چۈەن يىغىنغا قاتنىشىپ تەبرىكلىدى.

  جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جىن رۇبىن تەبرىك سۆزى قىلىپ، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۇسۇلمان ئاممىسىدىن بايراملىق ھال سورىدى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى.

  2019- يىلى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، «تەپسىر قىلىش» ۋە يېڭىچە «ۋەز ئېيتىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت بايرىقى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن-نىزام، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى قاتارلىق «تۆتكە كىرىش» مەسچىت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلىدى؛ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تاشقى ئالاقىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشكە تىرىشتى. نۆۋەتتە، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر «يېڭى دەۋرگە كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» ئاساسىي تېما قىلىنغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالماقچى بولدى.

  40 نەچچە ئەرەب دۆلىتىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، بېيجىڭدىكى چەت ئەللىك مۇسۇلمان مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى، مەركەز ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە مۇسۇلمان ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 200دىن ئارتۇق كىشى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ