مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىچۈەن ۋولۇڭدا بالاڭ تېغى قارلەيلىسى ناملىق يېڭى تۈر بايقالدى

2019.08.13 13:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىچۈەن ۋولۇڭ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسى 10-ئاۋغۇست سىرتقا يېڭى ئۆسۈملۈك تۈرى __ بالاڭ تېغى قار لەيلىسىنى ئېلان قىلدى.

  يېڭى تۈر دېڭىز يۈزىدىن 4400- 4700 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئېگىز تاغ ئاقما تاش ساھىلىغا تارقالغان بىر خىل قار لەيلىسى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز بولغان ئېكولوگىيەلىك سىستېمىدىكى ئېگىز مۇزتاغ گىرۋىكىدە ئۆسكەن. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى كۈنمىڭ ئۆسۈملۈك تەتقىقات ئورنى بۇ تۈرگە قارىتا مورفولوگىيەلىك تەتقىقات ۋە مولىكۇلا ئانالىزى ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ يېڭى بىر تۈر ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى ھەمدە تارقىلىش رايونىنىڭ بىردىنبىرلىكىگە ئاساسەن، ئۇنى سىچۈەننىڭ ئالاھىدە تۈرى دەپ بېكىتتى.

  بالاڭ تېغى قارلەيلىسىنىڭ يوپۇرمىقى ھەرەچىشىسىمان ھالەتتە؛ ئورىغۇچى يوپۇرماق، يەنى قار لەيلىسىنىڭ «نېلۇپەر گۈلى» ئاز ئۇچرايدىغان قارا رەڭلىك بولۇپ، گىرۋىكى تاياقسىمان يېرىلىدۇ؛ تۈپىنىڭ سىرتقى يۈزى بەز تۈكچىلىرى ۋە ئۇزۇن بوغۇملۇق تۈكچىلەر بىلەن قاپلانغان؛ شەكىل جەھەتتىن باشقا تۈردىكى قارلەيلىسى بىلەن بولغان پەرقى بىر قەدەر چوڭ، بۇنىڭدىن باشقا بۇ تۈردە يەنە بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان خۇش پۇراق بار.

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ كۈنمىڭ ئۆسۈملۈك تەتقىقات ئورنى ۋە ۋولۇڭ مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئايرىم-ئايرىم تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، دەسلەپكى قەدەمدە ئۇنىڭ تارقىلىش دائىرىسى ئىنتايىن تار ئىكەنلىكى بايقالغان بولۇپ، 500 تۈپتىن ئاز بولۇشى مۆلچەرلەنگەن. ئۆسۈملۈك تەتقىقات ئورنىنىڭ غەربىي سىچۈەننى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈشىگە ئاساسەن، بالاڭ تېغىنىڭ بۇ يېڭى تۈرنىڭ ھازىرقى بىردىنبىر چىقىدىغان جايى ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، IUCN (دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى)نىڭ ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىپ، بۇ خىل قار لەيلىسى «يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان» دەرىجە دەپ بېكىتىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ