مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىچكى موڭغۇل سۇنىت ئوڭ خوشۇنىدىكى ئۇلانمۇچىر:

مەڭگۈ يايلاقتىكى «قىزىل ئەدەبىيات-سەنئەت چەۋەندازى» بولۇڭلار (تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئارزۇغا ئىنتىلىش − باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن)

2019.08.13 13:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئۇلانمۇچىرنىڭ ئۇزاققىچە گۈللەپ ياشنىشى خەلقنىڭ سەنئەتكە موھتاج ئىكەنلىكىنى، سەنئەتنىڭمۇ خەلققە موھتاج ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. يېڭى دەۋردە، سىلەرنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۇلانمۇچىرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تۇرمۇشتا يىلتىز تارتىپ، چارۋىچى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئەدەبىيات-سەنئەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ يېقىشلىق، ئۆزلىشىدىغان، ساقلىنىدىغان نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، مەڭگۈ يايلاقتىكى «قىزىل ئەدەبىيات-سەنئەت چەۋەندازى» بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ___ شى جىنپىڭ

  7-ئايدا سۇنىت يايلىقى ئوتتەك قىزىپ كەتكەن بولۇپ، «ئۇلانمۇچىر» دېگەن خەتلەر بېسىلغان چوڭ ئاپتوبوس قۇم-شېغىل يولدا چايقىلىپ، خوشۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جايغا 136 كىلومېتىر كېلىدىغان سايغان ئۇلجى ئېرەن ئۇساغاچاغا قاراپ ماڭدى.

  ئېلىمىزدىكى تۇنجى ئۇلانمۇچىر بارلىققا جاي − ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىلىنغول ئايمىقى سۇنىت ئوڭ خوشۇنىدا، ئۇلانمۇچىر يەنە يېزىلارغا بېرىپ ئويۇن قويدى. بۇ ئۇلارنىڭ بۇ يىلقى 68-مەيدان ئويۇنى. بۇ قېتىم چىققاندا، ئون نەچچە گاجا بىلەن مېڭىش كېرەك.

  «چۈشتىن بۇرۇن پارتىيە كۈنى پائالىيىتى قىلغان ئىدۇق، ئەمدى چارۋىچىلارغا يىغىن ئېچىپ، كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش ئەھۋالىنى سۆزلەيمىز، يەنە ئوتلاق، يەم-خەشەك تەقسىم قىلىشنى مەسلىھەتلىشىمىز. ئادەم بەك كۆپ بولغاچقا، چارۋىچىلار ئۇلانمۇچىرلىرىمىزنى چاقىرىپ كېلىڭلار دېدى. ئالاقىلىشىشىمىز بىلەنلا، ئەترەت باشلىقى مېڭكې «ئەسكەر»لىرىنى باشلاپ كەلدى»، دېدى گاجا باشلىقى (كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى) توڭگالاگا خۇشال ھالدا.

  «باش شۇجى شى جىنپىڭ 2017- يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى بىزگە جاۋاب خەت يازغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك تۈگىمەس غەيرەتكە كەلدى. بۇلتۇر بىز 187 مەيدان ئويۇن قويدۇق، بۇنىڭ ئىچىدە 103 قېتىم يېزىغا چۈشتۇق. ئىلگىرىكى يىللاردا ھاۋارايى يار بەرسە ئاندىن يېزىغا چۈشەتتۇق، ھازىر چارۋىچىلارنىڭ ئېھتىياجى بار بولسىلا، بىز ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قاندۇرىمىز»، دېدى سۇنىت ئوڭ خوشۇنى ئۇلانمۇچىر ئەترىتىنىڭ باشلىقى مېڭكې جىرىگالا.

  «جاۋاب خەت ئىجادىيەت نىشانىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى»

  سۇنىت ئوڭ خوشۇنى ئۇلانمۇچىرلىرى 1957-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى «قىزىل ئەدەبىيات-سەنئەت چەۋەندازلىرى» ئىدى. ئۇلانمۇچىر دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 60 يىللىقى ھارپىسىدا، كۆپچىلىكنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، دوكلات قىلىش ئارزۇسى بار ئىدى. «ئويلىمىغان يەردىن، باش شۇجى بىزگە جاۋاب خەت قايتۇردى». بۇ يىل 12-ئايدا 60 ياشقا كىرگەن گاڭباۋ لىداۋ سۇنىت يايلىقىدىكى داڭلىق نەزم-نەسرلىك ناخشا ئارتىسى بولۇپ، «باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى كۆرگەن كۈنى كەچتە، مەن چارۋىچىلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ‹خاۋلەيباۋ› ناملىق ناخشىنى ئىجاد قىلىپ، سۇنىت يايلىقىدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى خۇشاللىقىمىزدىن بەھرىمان قىلدىم»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ