مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىسى توپىلاڭنى توختىتىشنى بىر نىيەتتە مۇراجىئەت قىلدى

شياڭگاڭنىڭ تىنچ ۋە خاتىرجەملىكىنىڭ تېزراق ئەسلىگە كىلىشىنى ئۈمىد قىلدى

2019.08.12 14:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- چېسلا، شياڭگاڭ ساقچىلىرى قارشى تۇرۇش ئۇقتۇرۇشى چىقارغان ئەھۋال ئاستىدا، نامايىشچىلار يەنىلا داپۇغا بېرىپ نامايىش قىلدى ھەمدە ئارقا-ئارقىدىن كۆپ رايونلاردا زوراۋانلىق ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. رادىكال نامايىشچىلار بارغانلا يەردە قاتناش ۋاسىتىلىرى توسقۇنلۇققا ۋە ئاھالىلەر كاشىلىغا ئۇچرىدى. نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى سۈكۈتتە تۇرغان تېخىمۇ كۆپ شياڭگاڭلىقلارنى سىرتقا چىقىپ، توپىلاڭنى توختىتىپ، توپىلاڭنى تىنچىتىشقا ۋە زوراۋانلىققا «ياق» دېيىشكە مۇراجىئەت قىلدى، ھەمدە شياڭگاڭنىڭ تىنچ ۋە خاتىرجەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  10- چېسلا چۈشتىن كېيىندىن كەچكىچە، نامايىشچىلار ئومۇمنىڭ مۈلكىنى بۇزۇپ، خۇڭكەن دېڭىز ئاستى تونېلىنىڭ جيۇلۇڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئاساسلىق غول يوللارنى ئېتىپ، قاتناشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى، شۇنداقلا جىددىي مۇلازىمەت ۋە سودا پائالىيەتلىرىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى، نامايىشچىلار شۇ كۈنى كەچتە ئوخشىمىغان جايدا ئوت قويۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزدى.

  شۇ كۈنى كەچتىكى ھەرىكەتتە، ساقچى تەرەپ جەمئىي 16 ئادەمنى قولغا ئالدى، ھەمدە ئۇلارنىڭ قانۇنسىز يىغىلىش، ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرىدىكى قورال-ياراغلارنى يوشۇرۇش، ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋە ساقچىلارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش قاتارلىقلارغا چېتىلغانلىقى گۇمان قىلىندى.

  شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: بۇ قانۇنسىز ھەرىكەتلەر شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. نامايىشچىلارنىڭ قىلمىشى قانۇنغا خىلاپ بولۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئاممىۋى تەرتىپ ۋە باشقا شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىغىمۇ پەرۋا قىلماسلىقى ۋە ئوت قويۇش قاتارلىق قىلمىشلىرى تېخىمۇ خەتەرلىك بولۇپ، ھۆكۈمەت ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ساقچىلار قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىدۇ، زوراۋانلىق ئىشلەتكەن قانۇنغا خىلاپ نامايىشچىلارمۇ قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.

  نۇرغۇن شياڭگاڭ ئاھالىسى بارلىق زوراۋانلىقنى توختىتىپ، ساقچى ئەترىتىنىڭ خىزمىتىنى قوللاپ، بارلىق توپىلاڭچىلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. ئۇلار سۈكۈتتە تۇرغان تېخىمۇ كۆپ شياڭگاڭلىقلارنى سىرتقا چىقىپ، توپىلاڭنى توختىتىپ، توپىلاڭنى بېسىقتۇرۇپ، زوراۋانلىققا «ياق» دېيىشكە مۇراجىئەت قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ