مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدىنقى يېرىم يىلدا تىجارەت كىرىمى 10 تىرىليون 530 مىليارد يۈەنگە يەتتى

ماشىنىسازلىق سانائىتىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى

2019.08.12 14:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ماشىنسازلىق سانائىتى بىرلەشمىسى يېقىندا سىرتقا مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا ماشىنسازلىق سانائىتىنىڭ تىجارەت كىرىمى 10 تىرىليون 530 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %1.29 ئاشتى، كەسپلەرنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر يەنىلا مۇۋاپىق ئارىلىقنى ساقلاپ قالدى.

  بۇ يىلدىن بۇيان، مۇرەككەپ ئىچكى-تاشقى تەرەققىيات مۇھىتىدا، ماشىنىسازلىق سانائىتى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئىلگىرىلەپ، كەسىپنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇردى.

  --كونا-يېڭى ئېنېرگىيە ئالماشتۇرۇش سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنىڭ يارقىن نۇقتىلىرى ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش تېز سۈرئەتتە ئاشتى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا 614 مىڭ ۋە 617 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىلىپ سېتىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %48.5 ۋە %49.6 ئاشتى. توك چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى ياسىمىچىلىقى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەش مەزگىلىدە تۇرماقتا، لېكىن، شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى %18.45لىك ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاپ، ساھە تىجارەت كىرىمى ۋە پايدا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %50تىن ئاشتى.

  --ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر سىجىل تەرەققىي قىلىپ، كەسىپلەرنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ماشىنىسازلىق سانائىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تىجارەت كىرىمى 7 تىرىليون 730 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.48 ئېشىپ، ماشىنىسازلىق سانائىتىدىن ئومۇمىي جەھەتتىن 2.19 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولدى، ماشىنىسازلىق سانائىتىنىڭ تىجارەت كىرىمىدىكى نىسبىتى %73.4كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.56 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولدى، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر ماشىنىسازلىق سانائىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا بولغان تۈرتكىلىك رولى كۈچەيدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ