مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى جۇڭگو خەلق بانكىسى بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى:

خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن

2019.08.12 14:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى سەۋىيىسى ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ماس كېلىدۇ؛ پۇلنىڭ كۇرسى چۈشۈش ۋە ئۆرلەشتە، قوش يۆنىلىشلىك تۇراقسىزلىق ئەھۋال پەيدا بولغان بىلەن، مۇۋاپىق تەڭپۇڭ سەۋىيەدە ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى-- خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) يېقىندا جۇڭگونىڭ يىللىق 4- ماددا كېڭىشىش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى، جۇڭگو خەلق بانكىسى «2019- يىللىق 2- پەسىللىك جۇڭگو پۇل سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇنداق خۇلاسە چىقاردى: يېقىنقى مەزگىلدە قىزغىن مۇنازىرە قىلىۋاتقان خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ «7نى بۇزۇپ تاشلاش» ۋە ئاتالمىش «پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلغۇچى دۆلەت» دېگەن سۆزلەرگە قارىتا، كۆپ تەرەپ خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك داۋالغۇشىنى بازار بەلگىلەيدىغانلىقى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك يۈزلىنىشنى ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى بەلگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ياخشى بولۇشى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ئاساس سالىدۇ، كېيىنكى قەدەمدە خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش سىياسىتىنىڭ مۇقىملىقىنى داۋاملىق ساقلايدۇ.

  روشەن ھالدىكى يۇقىرى ياكى تۆۋەن باھالاش مەۋجۇت ئەمەس

  جۇڭگونىڭ يىللىق 4- ماددا كېڭىشىش دوكلاتىدا، (IMF 2018- يىلى جۇڭگونىڭ ئىسچوتىنىڭ ئوڭ پەرقى دائىملىق تۆۋەنلەپ، خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى سەۋىيەسى ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ماس كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. IMF نىزامنامىسىنىڭ 4- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، IMF ھەر يىلى خىزمەت گۇرۇپپىسىنى ئەزالار ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىگە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەۋەتىپ، ماكرو ئىگىلىك سىياسىتى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە ئەزالار ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى بىلەن كېڭىشىدۇ ھەمدەIMF تەدبىر ئاپپاراتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرىيەت يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ