جۇڭگو-قىرغىزىستان «ھەمكارلىق- 2019» بىرلەشمە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرىدا كەسپىي تېخنىكا مەشىقى قانات يايدۇرۇلدى

2019.08.09 16:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 8-كۈنى جۇڭگو- قىرغىزىستان ئىككى تەرەپتىن مانېۋىرغا قاتناشقان ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر خەۋەرلىشىش كەسپىي مەشىقى ئېلىپ بارماقتا.

  شۇ كۈنى، جۇڭگو-قىرغىزىستان «ھەمكارلىق- 2019» بىرلەشمە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرىدا كەسپىي تېخنىكا مەشغۇلات مەشىقى قانات يايدۇرۇلدى، جۇڭگو-قىرغىزىستان ئىككى تەرەپنىڭ مانېۋىرغا قاتناشقان ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى رازۋېدكا، ئالاقە، بومبا ئاختۇرۇش (چۇۋۇش)، جەڭ مەيدانىدا قۇتقۇزۇش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە مەشىق قىلدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ