مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئەمەلدارىنىڭ «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى» تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى بىلەن ئۇچرىشىش ۋەقەسىگە قارىتا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق مەھكىمىسى جىددى سۆزلىشىپ كەسكىن رەۋىشتە ئىپادە بىلدۈردى

2019.08.09 14:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە خادىم مەھكىمىسى 8- چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاراتقۇلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ شياڭگاڭدا «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى» تەشكىلاتىنىڭ كاتتىباشلىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى خەۋەر قىلغانلىقىغا قارىتا، مەھكىمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 8- چېسلا ئامېرىكىنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن جىددىي ئۇچرىشىپ، كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۈچلۈك نارازىلىقىنى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

  مەھكىمىمىزنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بىخەتەرلىكىنى، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، جۇڭگو ھەرقانداق دۆلەت، تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ .

  مەھكىمىمىزنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئامېرىكىنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ خادىملىرىنى «ۋيېنا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئەھدىنامىسى»، «ۋيېنا كونسۇل مۇناسىۋىتى ئەھدىنامىسى» قاتارلىق خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسىي مىزانىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، كونسۇل خادىملىرىنىڭ سالاھىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، جۇڭگوغا قارشى تۇرۇپ شياڭگاڭنى قالايمىقانلارشتۇرىدىغان تۈرلۈك ئۇنسۇرلار بىلەن چەك-چېگرىنى دەرھال ئېنىق ئايرىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان زوراۋان ئۇنسۇرلارغا خاتا سىگنال بېرىشنى دەرھال توختىتىپ، شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا قول تىقىشنى دەرھال توختىتىپ، خاتا يولدا ماڭماسلىققا دەۋەت قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ