2-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى داغدۇغىلىق باشلاندى

سۈن چۈنلەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى

2019.08.09 14:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئاۋغۇست، 2- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەييۈەندە باشلاندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۈنلەن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، سۈن چۈنلەن «تەنتەربىيە ئىشلىرى كۈچلۈك بولسا، جۇڭگو كۈچلۈك بولىدۇ» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، تەنتەربىيەدە كۈچلۈك دۆلەت ۋە ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ