مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىزنىڭ تاماق قاچىمىزنى پۇختا تۇتقىدەك ئىقتىدارىمىز بار (جۇڭگو ئىقىسادى توغرىسىدا چوڭقۇر سۆھبەت)

ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىغا قانداق قاراش كېرەك؟

2019.08.07 15:24 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرىمىز جاۋ يۇڭپىڭ، گۇ جۇڭياڭ، چاڭ چىن، شېن شياۋتيې

  «دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى ئەقلىيلەشتۈرۈپ، تېرىقچىلىقنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ قىلغاندا، مايسىمۇ تەكشى ئۆسىدۇ، ئۇرۇقمۇ ئىسراپ بولمايدۇ، بۇنداق بولغاندا كۈزلۈك ئاشلىق مەھسۇلاتىغىمۇ تەسىر يەتمەيدۇ!» يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى، تاغار-تاغار بۇغدايلار ئاشلىق ئامبىرىغا دۆۋىلەپ قويۇلدى.

  ئەنخۇي ئۆلكىسى خۇەييۈەن ناھىيەسى شۈيۈ كەنتىدىكى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن دېھقان شاڭ يۆ بۇغداي يىغىپ بولۇپلا قوناق تېرىدى. ئېتىز بېشىدا تۇرۇپ ياپيېشىل مايسىلارغا قاراپ، ئۇنىڭ چىرايىدىن خۇشاللىق ئەكس ئەتتى.

  چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى بېلىق، گۈرۈچ ماكانىدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك زېمىنىغىچە، ئاندىن شەرقىي شىمالدىكى قارا تۇپراققىچە دېھقانلار ۋاقىت قوغلىشىپ جاپالىق تېرىقچىلىق قىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ھالقىمۇ-ھالقا، پەسىلمۇ-پەسىل داۋاملاشتۇردى.

  ھېچقانداق كەسىپ ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرىشقا ئوخشىمايدۇ، گەرچە ئادەتتە چوڭ ئۆزگىرىش باردەك كۆرۈنمىسىمۇ، ئازراق «شەپە» چىقسىلا، دەھشەتلىك دولقۇن كۆتۈرۈلىدۇ. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك: «1 مىليارد نەچچە يۈز مىليون ئاھالىنىڭ تاماق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش باشتىن-ئاخىر پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىشى»، «جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسى ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ قولىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.»، «بىزنىڭ تاماق قاچىمىزغا ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ تامىقى ئۇسسۇلىشى كېرەك».

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز «ئۆزىنى ئاساس قىلىش، مەۋقەنى دۆلەت ئىچىگە قويۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش، مۇۋاپىق ئىمپورت قىلىش، پەن-تېخنىكىنى تىرەك قىلىش»تىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە ئاشلىقتىن يىلمۇيىل مول ھوسۇل ئالدۇق، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى ئىزچىل 1 تىرىليون 200 مىليارد جىڭدىن ئاشتى. تاماق قاچىمىزنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈردۇق.

  نۆۋەتتە، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ئاشتى، خەلقئارا بازاردىكى ئېنىقسىزلىق ئاشتى، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش داۋاملىق يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ئۇنداقتا، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ زاپاس كۈچى يېتەرلىكمۇ؟ ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىمىز كاپالەتكە ئىگىمۇ؟ بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىر تەكشۈرۈپ زىيارەت قىلدى.

  ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىغا قارىغاندا، چوڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق ئامبىرىنىڭ ئاساسى پۇختا بولۇپ، ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.

  «قورساق تويغۇزالماسلىق» ئۆتمۈشكە ئايلاندى، يېڭى تېمىلار ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كەلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر تەرەپتىن، ئاشلىققا بولغان ئېھتىياجنىڭ مۇتلەق ئېشىشى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى، ئىسكىلات قالدۇقى، ئىمپورتتا «ئۈچ مىقدارنى تەڭ ئاشۇرۇش» ئەھۋالى كۆرۈلدى. ئۇدا مول ھوسۇل ئېلىنسا يەنە نېمە ئۈچۈن ئىمپورت قىلىنىدۇ، بىزنىڭ تاماق قاچىمىز قانداق قىلغاندا تېخىمۇ مۇقىم بولىدۇ؟

  «مۇۋاپىق ئىمپورت قىلىشتىكى مەقسەت ئارتۇق-كېمىنى تەڭشەپ، دۆلەت ئىچىدىكى يېزا ئىگىلىك بايلىقىنىڭ بېسىمىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىش ئۈچۈندۇر.» يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خەن چاڭفۇ يەنە مۇنداق دېدى: بىز شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، يەر شارى بويىچە يىللىق ئاشلىق سودا مىقدارى 400 مىليون توننا ئەتراپىدا بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىستېمال مىقدارىنىڭ ئاران ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، 1 مىليارد نەچچە يۈز مىليون ئادەمنىڭ سېتىۋېلىپ ئىستېمال قىلىشىغا يەتمەيدۇ. جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشتا، مەۋقەنى دۆلەت ئىچىگە قويۇپ، «ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى ئاساسىي جەھەتتىن تەمىنلەش، ئاشلىقتا مۇتلەق بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش» كېرەك.

  تولۇق تېكىستىنى مەنبەنى بېسىپ كۆرۈڭ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ