مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىمالىي ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم چېگرا مۇداپىئە لۈيى ئۈچ بۇرجەك تاغ چېگرا مۇداپىئە ليەنى:

«چېگرا ئۆتكىلىدە مەنلا بولىدىكەنمەن، ۋەتەننى خاتىرجەم قىلىمەن» (تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئارزۇغا ئىنتىلىش ___ باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن)

«خەلق گېزىتى» مۇخبىرى نى گۇاڭخۇي، لى لۇڭيى، جاڭ چېڭ

2019.08.06 17:17 مەنبە: خەلق تورى

  ئۈچ بۇرجەك تاغ قاراۋۇلخانىسىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  شۈ جيانىڭ فوتوسى

  بىر يىل ئىلگىرى مەن ئارشەن تېغىغا بېرىپ كۆپچىلىكنى يوقلىدىم، يولداشلارنىڭ قار-مۇزدا چېگرا رايوننى قوغداش قەتئىي ئىرادىسى ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھى مەندە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇردى. بىر يىلدىن بۇيان، يولداشلار يەنە يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى، مەن ناھايىتى خۇشال بولدۇم.

  يولداشلارنىڭ ليەندۈي قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ كۈچەيتىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ليەندۈيدە، چېگرا مۇداپىئەسىدە يىلتىز تارتقۇزۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىق مۇداپىئەسىنى ياخشى قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن !

  ___ شى جىنپىڭ

  «يولداشلارنىڭ ليەندۈينىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ كۈچەيتىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ليەندۈيدە، چېگرا مۇداپىئەسىدە يىلتىز تارتقۇزۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىق مۇداپىئەسىنى ياخشى قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!» شىمالىي ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى مەلۇم چېگرا مۇداپىئە لۈيى ئۈچ بۇرجەك تاغ چېگرا مۇداپىئە ليەنىنىڭ شەرەپ ئۆيىدە، سىياسىي يېتەكچى دۇ خۇڭشەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ليەندىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە يازغان جاۋاب خېتىنى دېكلاماتسىيە قىلىۋاتاتتى.

  ھەر يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى ليەننىڭ شان-شەرەپ كۈنى، بۇ كۈنى پۈتۈن ليەندىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۆزدىن كەچۈرگەندىكى يول لىنىيەسىنى قايتا مېڭىپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى تەكرارلاپ يادقا ئېلىپ، جاۋاب خەتنىڭ مەزمۇنىنى قايتا ئوقۇپ، قايناق مۇزاكىرىنى قانات يايدۇرىدۇ . . . «ھەر قېتىم يېڭى كادىرلار ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ، يېڭى ئەسكەرلەر ليەنگە چۈشكەندە، ليەندۈي ئۇلارنى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىدىكى سەمىمىي ئۈمىدى ۋە تاپشۇرۇقىنى ئۆگىنىشكە، ئۆزلەشتۈرۈشكە تەشكىللەپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش سىياسىي ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىدۇ»، دېدى دۇ خۇڭشەن مۇخبىرغا.

  چارلاش يولى رېمونت قىلىنىپ، سۇ ئىسسىتقۇچ ئورنىتىلدى

  28 ياشلىق سېرژانت لى چاڭيۆ مۇنداق دېدى: ليەنگە چۈشۈپ بىر ئاي بولا-بولمايلا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشىگە ئۈلگۈردۈم، بىر يىلدىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىزگە يازغان جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالدۇق، مەن بۇنىڭدىن چەكسىز ھاياجانلاندىم!» لى چاڭيۆ 2013-يىلى 9-ئايدا ئۆزىنىڭ ھەربىي بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قىسىمغا كىردى، ئۇ چاغدا ئۇ تېخى ئالىي مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئىدى.

  2013-يىلى 9-ئايدا، ئۆزىنىڭ ھەربىي بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ ئالىي مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ھەربىي سەپكە كىرىشنى تاللىدى .

  «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنىڭ روھىنىڭ ئىلھامى ئاستىدا، مەن چېگرا ئۆتكىلىدە يىلتىز تارتىپ، خاتىرجەم چېگرا ئۆتكىلىنى ساقلاپ، چېگرا ئۆتكىلىنى خىزمەت كۆرسىتىشنى ئىگىلىك تىكلەش دەپ بېكىتىپ، ليەندۈيدە كىشىلىك تۇرمۇش قىممىتىمنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قارار قىلدىم.» ئۇ ليەننى ئائىلە دەپ بىلىپ، چېگرانى قوغداشقا ئىرادە باغلىدى، ھازىر لى چاڭيۆ چېگرا مۇداپىئە 1-سېپىدە ئالتە يىلغا يېقىن چىڭ تۇرۇپ، سەپداشلىرى بىلەن بىللە ليەندۈينىڭ ئاز-ئازدىن ئۆزگىرىشىگە شاھىد بولدى.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلى چاغان ھارپىسىدا ليەندۈينى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنى ھەمدە 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى ليەندۈيدىكى بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە جاۋاب خەت يازغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئەينى چاغدا باشقا ليەندۈيدە خىزمەت قىلىۋاتقان دۇ خۇڭشەن ئىنتايىن ھەۋەس قىلدى: ئەگەر بۇ ليەندۈيگە كېلىپ خىزمەت قىلالىغان بولسام، نەقەدەر شەرەپلىك بىر ئىش بولاتتى-ھە !

  2016-يىلى 7-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، دۇ خۇڭشەننىڭ ئارزۇسى ھەقىقەتەن ئەمەلگە ئاشتى. «مەن شەرەپ بىلەن تەشكىل تەرىپىدىن ئۈچ بۇرجەك تاغ چېگرا مۇداپىئە ليەنىگە يۆتكىلىپ كېلىپ يېتەكچى بولدۇم، شۇ كۈنى كەچتە ھاياجانلىنىپ بىر كېچە ئۇخلىيالمىدىم! مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ليەندۈينى كۆزدىن كەچۈرگەندە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ليەندىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە يازغان جاۋاب خېتىنىڭ مەزمۇنىنى ئەسلەپ ئۆتتۈم.»

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ