مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى» 3-ئاۋغۇست كورلىدا باشلاندى، مۆلچەرلىنىشىچە، مۇسابىقىنى كۆرگۈچىلەر 100 مىڭدىن ئاشىدىكەن

2019.08.06 17:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 10 دا، جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى شىنجاڭ كورلا شەھىرىدە «خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى-2019» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مۇسابىقە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گېنېرال مايور داڭ زېڭلۇڭ جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى «سوۋۇروف تۇيۇقسىز ھۇجۇم» مۇسابىقە مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن. 8-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە تۆت تۈر بويىچە 14 مەيدان مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇلغان؛ 8-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچتە كورلا شەھەرلىك مىللىي تەنتەربىيە باغچىسىدا يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. نۆۋەتتە، جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇسابىقە ئەترىتىدىكى خادىملار ۋە ئۈسكۈنىلەر كورلا مۇسابىقە رايونىغا كىرىپ ئورۇنلاشقان، مەشىق ۋە مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى تەييارلىقلار تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇپ، تۈرلۈك كاپالەت ئەسلىھەلىرىنىڭ شارائىتى مۇكەممەل بولۇپ، تەييارلىق خىزمەتلىرى تولۇق تاماملانغان.

  ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشى نۇرغۇن روشەن ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، تەسىرى يەنىمۇ كېڭەيدى. بۇ يىل 11 دۆلەتنىڭ 20 كوماندىسى جۇڭگوغا مۇسابىقىگە قاتناشقىلى كەلدى، بۇ، بۇلتۇرقى توققۇز دۆلەتنىڭ 14 كوماندىسىدىن كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. ھىندىستان، ياپونىيە، موڭغۇلىيە، سېربىيەدىن ئىبارەت تۆت دۆلەت ۋەكىل ئەۋەتىپ مۇسابىقىنى كۆزىتىدىكەن، مۇسابىقىنى كۆرگۈچى تاماشىبىنلارنىڭ سانى 100 مىڭغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ