بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق شياڭگاڭدا لەپىلدىمەكتە

2019.08.06 16:55 مەنبە: خەلق تورى

  شياڭگاڭ ئالتۇن سېرىس مەيدانىدا، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ۋە سېرىس گۈللۈك بايراق شامالدا لەپىلدىمەكتە (8- ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاۋغۇست سەھەردە، شياڭگاڭ ئاسمىنى كۆپكۆك، قۇياش نۇرى ئىللىق ئىدى. شياڭگاڭ ئارىلىنىڭ شىمالىي بۇرجىكىگە جايلاشقان پېيچياۋ ئوتتۇرا مەكتىپىدە نەچچە ئون ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى، مەكتەپ ئىشچىلىرى ئۆزلىكىدىن مەيدانغا يىغىلىپ، بىرلىكتە بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  سائەت 8 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، تۆت نەپەر بايراقدار بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى ئىككى بايراق چىقارغۇچىغا يەتكۈزدى. دۆلەت شېئىرىنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، دۆلەت بايرىقى ئاستا-ئاستا بايراق خادىسىنىڭ ئۇچىغا كۆتۈرۈلدى. مەيداندىكى كىشىلەر بەس-بەستە بېشىنى كۆتۈرۈپ، نەزىرىنى بايراققا تىكىپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ