مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگونىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى باياناتچىسى ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ باياناتىغا رەددىيە بەردى

2019.08.05 17:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ئاۋىستىرالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى 4-يانۋار، ئاۋىستىرالىيە- ئامېرىكا باياناتىدىكى جۇڭگوغا قارىتىلغان ھەرقانداق ئەيىبلەشنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئاۋسترالىيە-ئامېرىكا مىنىستىر دەرىجىلىكلەر كېڭىشى شۇ كۈنى سىدنىيدا ئۆتكۈزۈلدى، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى پومپېئو، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئېسپېر ۋە ئاۋسترالىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مارىس پاين، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لىندا رېينوز يىغىنغا قاتناشتى.

  جۇڭگونىڭ ئاۋستىرالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئاۋستىرالىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى دۆلەت مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە، جۇڭگونىڭ رايون رولىغا سەۋەبسىز ھۇجۇم قىلىپ ۋە تۆھمەت قىلىپ، ئامېرىكىدىكى بەزى كۈچلەرنىڭ ئىزچىل زومىگەرلىك روھىي ھالىتىنى ئاشكارىلاپ قويدى، ئۇلارنىڭ سۇيىقەستى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

  باياناتچى مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ «ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»دىن چېكىنىپ چىقىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يادرو قورال ئامبىرىغا ئىگە دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكا يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش جەھەتتە ئالاھىدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، يادرو قوراللىرىنى يەنىمۇ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش سۆھبىتىگە قاتنىشىشى ئۈچۈن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى، ھەرگىزمۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىدىن قاچماسلىقى كېرەك.

  باياناتچى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم. ئامېرىكا قاتارلىق رايون سىرتىدىكى كۈچلەر جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سالدى. ئالاقىدار ئۇسۇللار جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. بۇ رايوندىكى دۆلەت ۋە خەلق ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ