سۈرەتتە: شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتىنىڭ كەنت كادىرلىرى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئاساسىي قاتلامغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇرتداشلارنى خۇددىي ماگنېتتەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى ھەر بىر ئائىلىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
− شى جىنپىڭ
«يۈرۈڭلار، كەنت كومىتېتىغا بېرىپ پاراڭلىشايلى! لوپنۇر ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ داشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1-شۇجى لى يەنفېڭ ئۈستىبېشىدىكى توپىنى قېقىپ، تۈرۈپ قويۇلغان ئىشتاننىڭ پۇچقىقىنى چۈشۈرۈپ، موتسىكلىتقا ئولتۇرۇپ كەينىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. مۇخبىر داشى كەنتىگە زىيارەتكە كەلگەندە، ئۇ يۈزگە يېقىن كەنت ئاھالىسى بىلەن بىللە كەنت يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى 10 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بوراندىن مۇداپىئەلىنىش ئورمان بەلبېغىنى تولۇقلاپ تىكىۋاتاتتى.
داشى كەنتى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شەرقىي شىمال چېتىگە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسى ئەتراپىغا جايلاشقان. ئىلگىرى بۇ يەردە «بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە قۇپقۇرۇق تۇرىدىغان، ئۇرۇق تېرىلسىمۇ ئاشلىق چىقمايدىغان» جاي ئىدى. ساۋۇر مەڭلىك 1980-يىلى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغاندىن كېيىن، ھەر مىللەت ئاممىنى باشلاپ زەيكەش چېپىپ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش ئورمىنى بەرپا قىلىپ، كوللېكتىپ ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، بېيىش يولىغا ئورتاق ماڭدى.
2009-يىلى 6-ئايدا، شۇ چاغدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ داشى كەنتىگە كېلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. 2014-يىلى 4-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە داشى كەنتىنىڭ «يانچۇقىمىز تومپىيىشى، روھىمىز كۆتۈرەڭگۈ بولۇشى كېرەك»، دېگەن كەنت تەلىمىنى تىلغا ئالدى. خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى ھاياجانلانغان ھالدا باش شۇجىغا خەت يېزىپ، بەش يىلدىن بۇيانقى كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى دوكلات قىلدى. 2014-يىلى 9-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ساۋۇر مەڭلىك ۋە بارلىق كەنت ئاھالىلىرىگە جاۋاب خەت يېزىپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئاساسىي قاتلامغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
مېۋە-چېۋىلەرنىڭ خۇش پۇرىقى تارقالغان پەسىلدە، داشى كەنتى ھاياتىي كۈچكە تولدى. ساۋۇر مەڭلىك: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر مۇھەببىتى چوڭقۇر بولغان توغراقلىقنى ياخشى پەرۋىش قىلىمىز، ھەرمىللەت خەلقى خۇددى قۇملۇقتىكى توغراقلاردەك يىلتىزلىرى تۇتاشقان، قەلبى گىرەلەشكەن»، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى