ئېينىشتىيىننىڭ غەيرىي خىيالىي دۇنياسى ئالاھىدە كۆرگەزمىسى شاڭخەيدە باشلاندى

2019.08.02 17:16 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 8-ئاينىڭ 1-كۈنى داڭلىق فىزىكا ئالىمى، پىروفېسسور ياڭ جېننىڭ (سولدا) كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئېينىشتىيىن ئارخىپ ئامبىرىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى، ئىبراي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى خانوخ گۇتفروئىند چۈشەندۈرگۈچى بولدى.

  شۇ كۈنى، «تالانت نىسبىيلىك نەزەرىيەسى − ئېينىشتىيىننىڭ غەيرىي خىيالىي دۇنياسى ئالاھىدە كۆرگەزمىسى) شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى مۇزېيىدا باشلاندى. ئېينىشتىيىننىڭ قول يازمىسى، خەت-چەكلىرى، سۈرەتلىرى، گۇۋاھنامىلىرى، شەخسىي يىغىپ ساقلىغان بويۇملىرىدىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق قىممەتلىك كۆرگەزمە بۇيۇمى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى جامائەتچىلىككە رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ. بۇ يىل ئېينىشتىيىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 140 يىللىقى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ