مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوتتۇرا جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ «بېنيۈ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى»گە:

ياشلىق باھارىڭلارنى پىدائىيلار مۇلازىمىتىدە پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇڭلار (تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئارزۇغا ئىنتىلىش − باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن)

2019.08.02 15:34 مەنبە: خەلق تورى

  تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ياش ئەۋلادلار غايىلىك، مەسئۇلىيەتچان بولسا، دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى بولىدۇ، مىللەتتە ئۈمىد بولىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈزلۈكسىز قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە بولىدۇ. سىلەرنىڭ تۆھپە قوشۇش، دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئالغا ئىلگىرىلەش پىدائىيلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەن بىلەن بىللە مېڭىش، خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياشلىق ئارزۇسى ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ___ شى جىنپىڭ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ۋەتەن بىلەن بىللە مېڭىپ، خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشتا چىڭ تۇرۇش» − بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2013- يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ئوتتۇرا جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى «بېنيۈ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى»گە يازغان جاۋاب خېتىدىكى سەمىمىي تاپشۇرۇقى ھازىر بۇ مۇلازىمەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ ئاڭلىق چىڭ تۇرىدىغان ھەرىكەت قىبلىنامىسىگە ئايلاندى.

  «بېنيۈ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى»نىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى شۈ بېنيۈ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئالتە يىل ئىلگىرى، ساۋاقداشلار بىرلىكتە تاغدا يىلتىز تارتىپ، ئون يىل پىدائىي ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش تەسىراتىنى ئالماشتۇرغاندا، بەزىلەر «باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ دوكلات قىلىش» تەكلىپىنى بەردى. ئويلىمىغان يەردىن، باش شۇجى ئالدىراشلىق ئىچىدە جاۋاب خەت يېزىپ، ساۋاقداشلارنى «ياشلىق ئارزۇسى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش»قا ئىلھاملاندۇردى.

  «باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى بىزگە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى»، ئوتتۇرا جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسىدە، «بېنيۈ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى»نىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بىر پارچە چىرايلىق جاۋاب بەردى: گۈيجۇ تاغلىرىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى 148 ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 15 يىل «كۈچ ئۇلاپ»، «ئۆڭكۈر باشلانغۇچ مەكتىپى»نى ئىللىق ئائىلە قىلىپ قۇرۇپ چىقتى؛ خۇبېي ئۆلكىسى جيەنشى ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىرىنچى سېپىدە، دوكتورلار مۇلازىمەت ئۆمىكى دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ئىشلىرىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىلمىي ماقالىسىنى ئېتىز-ئېرىق بېشىغا «يازدى»؛ ۋۇخەن شەھەرلىك ئەما بالىلار مەكتىپىدە، قىزىل كاككۇك مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى كۆڭۈل قويۇپ ھەمراھ بولۇپ، ئەما بالىلارغا دۇنيانى «كۆرىدىغان» كۆزنەك ئېچىپ بەردى...

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ