مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چېن شى: باش تېما تەربىيەسىنىڭ ياخشى باشلىنىپ، ياخشى نەتىجە بىلەن داۋاملىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2019.08.02 14:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە بىر قىسىم مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت سۆھبەت يىغىنى 1- چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى چېن شى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 15- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى، ئىچكى موڭغۇلدا خىزمەت تەكشۈرۈش، مەركەزنىڭ 3- نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئۇنىۋېرسال ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاش، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 9- قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تولۇپ-تاشقان روھىي ھالەت ۋە قەيسەرلىك بىلەن خىزمەت قىلىش ئىستىلى بىلەن ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، باش تېما تەربىيەنى ياخشى باشلىنىشىغا ۋە ياخشى نەتىجە قازىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  چېن شى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تۈزىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، قاتتىق نازارەت قىلىپ، ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈزىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ، ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىشنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، تۈزىتىشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نورمال ۋە ئۇزاق ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. سەككىز جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەش، قاتتىق نازارەت قىلىش ۋە ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىشنى چىڭ ۋە ئەمەلىي تۇتۇشنى چۆرىدەپ، ۋەزىپىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا ئىشلەپ، سىياسەتنى توغرا ئىگىلەپ، بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىش كېرەك. بەنزە ۋە شەخسلەر تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قاتتىق نازارەت قىلىپ، ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىپ ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق تۈزىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، رەھبەرلەر باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. شەكىل ۋە ئۇسۇلنى ياخشىلاش، تۈزىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىشنى قاتتىق نازارەت قىلىپ، ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىشنى چۆرىدەپ، بېسىمنى تەككۈزۈپ، ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلەپ، ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ