سىچۈەن لىتاڭ ئات بەيگىسى بايرىمىغا كېلىپ، كاڭبا ئەزىمەتلىرىنىڭ قالتىس ئات ماھارىتىنى كۆرۈڭ

2019.08.01 16:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 30-كۈنى، سىچۈەن ئۆلكىسى لىتاڭ ناھىيەسى 1-ئاۋغۇست بەيگە مەيدانىدا، كاڭبالىق بىر ئەزىمەت ئات ئۈستىدە ئوقيا ئاتماقتا. شۇ كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسى لىتاڭ ناھىيەسىدە «1-ئاۋغۇست» ئات بەيگىسى باشلاندى، 1000غا يېقىن چارۋىچى ئات ئۈستىدە يەردىن خادا ئېلىش، ئات ئۈستىدە ئوقيا ئېتىش، رەڭدار موللاق قاتارلىق چەۋەندازلىق ماھارىتىنى كۆرسىتىپ، شۇ جايدىكى چارۋىچىلار ۋە نۇرغۇن ساياھەتچىنى بىر مەيدان قالتىس ئات ماھارىتى كۆرىكىدىن بەھرىمان قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جياڭ خۇڭجىڭ فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ