جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئافغانىستاندىكى تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى يەنە بىر قېتىم باشلىدى

2019.08.01 15:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 31- كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كېسەلخانىسىدا، ئافغانىستاندىن كەلگەن تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر بالا كېسەل كارىۋىتىدا ئولتۇرۇپ ئارام ئالماقتا. شۇ كۈنى ئافغانىستاندىن كەلگەن تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 24 بالا ئايروپىلان بىلەن شىنجاڭغا يېتىپ كەلدى ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا كۆچۈپ كىردى. كېيىنكى بىر مەزگىلدە، جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى باش بولۇپ تەشكىللىگەن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ھەر بىر بالىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوپېراتسىيە لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ ھەمدە تۇغما يۈرەك كېسىلىنى داۋالاش ئوپېراتسىيىسىنى بىر-بىرلەپ ئېلىپ بارىدۇ. بۇ، «پەرىشتە سەپىرى--‹بىر بەلباغ ، بىر يول› قۇرۇلۇشى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش پىلانى» ئافغانىستان 2- قارارلىق ھەرىكىتى باشلانغاندىن كېيىن، تۇنجى تۈركۈمدە جۇڭگوغا كېلىپ داۋالاشنى قوبۇل قىلغان بالىلار. پىلانغا ئاساسەن، 2- باسقۇچلۇق ھەرىكەتتە ئافغانىستاندىكى 150 بالا قۇتقۇزۇلىدۇ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ۋە باشقا دوختۇرخانىلاردا ھەقسىز داۋالىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ