مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شياڭگاڭ ساقچى تەرەپ شياڭگاڭ ئارىلى غەربىي رايونىدا قانۇنسىز يىغىلىش قىلغان 45 ئادەم ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى

2019.07.31 17:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شياڭگاڭ ساقچىلىرى 30-ئىيۇل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ساقچىلار يېقىندا شياڭگاڭ ئارىلىنىڭ غەربىي رايونىدا يۈز بەرگەن قانۇنسىز يىغىلىشتا 49 ئادەمنى قولغا ئالدى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 45 ئادەمنى ئەرز قىلدى، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم توپىلاڭ كۆتۈرۈش جىنايىتى ۋە ساقچىغا ھۇجۇم قىلىش جىنايىتى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.

  شياڭگاڭ ساقچىلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، نۇرغۇن ئامما 7-ئاينىڭ 28- كۈنى شياڭگاڭ ئارىلىنىڭ غەربىي رايونى ئەتراپىدا قانۇنسىز يىغىلىش ئېلىپ باردى، بۇ مەزگىلدە بەزى نامايىشچىلار گەننو يولىنىڭ غەربى ۋە دېفۇ يولىنىڭ غەربىدىكى غەربىي كوچا ئەتراپىدىكى يوللارنى توسۇپ، كۈنلۈك، تاختاي، بامبۇك، تۆمۈر رېشاتكا قاتارلىق بۇيۇملار ئارقىلىق توساق ياسىدى. ئۇلار يول يۈزىدىكى خىشلارنى كولىدى، يول بويىدىكى قاشالارنى چۇۋۇپ تاشلىدى، يېقىن ئەتراپتىكى يول تاختىسى ۋە چىراغ تۈۋرۈكلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى ھەمدە خىش ۋە ئۇچلۇق تۆمۈر قاتارلىقلارنى قورال قىلىپ، نەق مەيداندىكى ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلدى.

  ساقچى تەرەپ ساقچى تەرەپنىڭ مۇداپىئە لىنىيەسىگە ھۇجۇم قىلغان نامايىشچىلارغا كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئۇلاردىن دەرھال ئايرىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، نامايىشچىلار ئايرىلىشنى رەت قىلدى ھەمدە جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان نۇرغۇن قىلمىشلارنى داۋاملىق سادىر قىلدى ھەم ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلدى. كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش ئۈنۈم بەرمىگەندىن كېيىن، ساقچىلار 7-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 19 دا مەيداننى تازىلاش ھەرىكىتىنى قوللىنىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

  ساقچى تەرەپ ھەرىكەت جەريانىدا 49 ئادەمنى قولغا ئالدى، بۇ 32 ئەر، 17 ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يېشى 16 ياشتىن 41 ياشقىچە. ساقچى تەرەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەمدە ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت قانۇن مەھكىمىسىنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن، 44 كىشىنى توپىلاڭ كۆتۈرۈش جىنايىتى بىلەن شىكايەت قىلىشنى قارار قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە توپىلاڭ كۆتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن 33 ياشلىق بىر ئەر ساقچىغا ھۇجۇم قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى. ئۇنىڭدىن باشقا، 24 ياشلىق بىر ئەر ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرلىك قورال ساقلىغان، دەپ ئەيىبلەندى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى كېسىم سوت مەھكىمىسىنىڭ زالىدا سوتقا چىقىدۇ.

  قالغان ئىككى ئەر ۋاقتىنچە كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىپ، ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىنى كۈتۈشكە رۇخسەت قىلىندى؛ ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى ئەر-ئايال ۋاقتىنچە قويۇپ بېرىلدى.

  ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، دېلو يەنىلا ئاكتىپ تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ، كېيىنچە تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنىش ئېھتىمالى بار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ