مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئىش ئورنىدا پىراكتىكا قىلىش ھەققى سىناق ئىشلىتىش مۇددىتى مائاشىنىڭ %80تىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك

2019.07.31 17:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31 – ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، ئالىي مەكتەپ پىراكتىكىسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، پىراكتىكا سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئوقۇغۇچى، مەكتەپ ۋە پىراكتىكا ئورنىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئادەتتىكى تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپ پىراكتىكىسىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، ئادەتتىكى تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپ پىراكتىكىسىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا بەلگىلىمە چىقارغان. «پىكىر»دە ئالاھىدە تەلىپى بار كەسىپ ۋە ئىش ئورۇنلىرىدىن باشقا پىراكتىكا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك خىزمەت ۋاقتىنىڭ سەككىز سائەتتىن، ھەپتىلىك خىزمەت ۋاقتىنىڭ 44 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ۋە كېچىلىك ئىسمېناغا ئورۇنلاشتۇرماسلىقى، ئەمگەك ھەققىنىڭ پىرىنسىپ بويىچە ئوخشاش ئىش ئورنىنىڭ سىناق ئىشلەش مۇددىتىدىكى ئىش ھەققى ئۆلچىمىنىڭ %80ىدىن تۆۋەن بولماسلىقى ئېنىق تەلەپ قىلىنغان.

  «پىكىر» تۆت باب، 16 ماددىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، پىراكتىكىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تەلىپى، پىراكتىكا ئوقۇتۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش، پىراكتىكا تەشكىلىي باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش، پىراكتىكا تەشكىلىي كاپالىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق تۆت جەھەتنى تولۇق تونۇپ، نۆۋەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىراكتىكا خىزمىتىدە ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلىلەرگە ماسلاشقان ۋە كونكرېت خىزمەت تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالىي مەكتەپ ۋە ھۆكۈمەت ئورگىنى، كارخانا، كەسپىي ئورۇن ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلات قاتارلىق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، ئىشلەپچىقىرىش – ئوقۇتۇش – تەتقىقاتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىراكتىكا خىزمىتى مۇقىم قانات يايدۇرۇلۇپ، سۈپىتى مۇقىم ئاشتى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قىسمەن ئالىي مەكتەپلەردە پىراكتىكىغا تولۇق ئەھمىيەت بەرمەسلىك، پىراكتىكا خىراجىتى سېلىنمىسى يېتەرلىك بولماسلىق، پىراكتىكا بازىسى قۇرۇلۇشى قېلىپلاشماسلىق، پىراكتىكا تەشكىلىي باشقۇرۇشى جايىدا بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار داۋاملىق ساقلانماقتا.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ