مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 92 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

2019.07.31 17:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31 – ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 7 - ئاينىڭ 30 – كۈنى خەلق سارىيىدا كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 92 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋېي فېڭخې تەبرىك سۆزى قىلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە سەنموۋبۇسىنىڭ سەنموۋجاڭى لى زوچېڭ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مياۋ خۇا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ شېڭمىن كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  خەلق سارىيىدا چىراغ نۇرى چاقناپ، جۇڭگولۇق، چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار خۇشال – خورام جەم بولغانىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «1 - ئاۋغۇست» ئارمىيە گېربى ئېسىلغان، ئىككى تەرىپىگە ئون قىزىل بايراق تىزىلغانىدى. «2019—1927» دېگەن كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان چوڭ خەتلەر چاقناپ، جۇڭخۇا خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باشتىن كەچۈرگەن ئاجايىپ 92 يىلنى ئۇقتۇرۇپ تۇراتتى.

  سائەت 18دە، كۈتۈۋېلىش يىغىنى ھەيۋەتلىك «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە مارشى» بىلەن باشلاندى. ۋېي فېڭخې پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىدىكى كوماندىر – جەڭچىلەر، قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر، زاپاس ھەربىيلەر ۋە خەلق ئەسكەرلىرى، مۈلكىي خادىملارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى، دۆلەت مۇداپىئەسى پەن – تېخنىكا سانائىتى سېپىدە جاپالىق ئىشلەۋاتقان يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشقان پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار، كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، ئىنقىلابتا مېيىپ بولغان ھەربىيلەر ۋە قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، پۈتۈن ئارمىيەدىكى قەھرىمان نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرىگە يۈكسەك ئېھتىرام بىلدۈردى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنى قوللاپ كېلىۋاتقان ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت، خەلق تەشكىلاتلىرىغا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خانىملىرى، شۇنداقلا مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ