مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك تەڭ قەدەمدە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى

ج ك پ گۇيجۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سۈن جىگاڭ، گۇيجۇ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى چېن يىچىن

2019.07.31 16:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشنىڭ بىۋاسىتە ئىپادىسى قىلىش كېرەك.

  تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە، يۇقىرى قاتلاملاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش ۋە تۈجۈپىلەشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتچىلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم ۋە كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، گۇيجۇ ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى پۈتۈن ئۆلكىدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، شەھەر-يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى. 2018-يىلى ئۆلكە بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 480 مىليارد يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغىنى 41 مىڭ 244 يۈەن بولۇپ، 1949-يىلىدىكىنىڭ ئايرىم-ئايرىم 2377 ھەسسىسى ۋە 937 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى؛ شەھەر-بازارلاردا ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئايرىم-ئايرىم 31 مىڭ 592 يۈەن ۋە 9716 يۈەن بولۇپ، 1949- يىلىدىكىنىڭ 336 ھەسسىسىگە ۋە 201 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى؛ تاشيول مۇساپىسى 196 مىڭ 900 كىلومېتىر بولۇپ، 1949-يىلىدىكىنىڭ 101 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇساپىسى 6453 كىلومېتىرغا يەتكەن بولۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول مۇساپىسى 1262 كىلومېتىرغا يەتتى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، گۇيجۇ ئۆلكىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇيجۇنىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭى تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ: «گۇيجۇ ئۆلكىسى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى»، دەپ چوڭقۇر كۆرسەتتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيجۇنىڭ خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم گۇيجۇنىڭ خىزمىتىگە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، گۇيجۇنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، تەڭ قەدەمدە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش، يېڭى دەۋردىكى گۇيجۇنىڭ تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق يېزىپ، پۇقرالار باي، ئېكولوگىيەسى گۈزەل، رەڭدار گۇيجۇنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى يارىتىش» ىنى تەلەپ قىلىپ، بىزگە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنىڭ گۇيجۇ زېمىنىدا ئەمەلىيلىشىشىنى قەتئىي ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، جاپالىق، ئەمەلىي ئىشلەش نەتىجىلىرى ئارقىلىق پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ