مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېقىندا كۆپ جايلاردا شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان نۇرغۇن جىنايەتچىلەر ئارقا-ئارقىدىن قانۇن بويىچە ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىندى

قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ياخشى ئۈنۈمگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2019.07.31 14:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 29- كۈنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش پەرمانىغا ئىمزا قويغاندىن كېيىن، ئۇ پەرمان ئېلان قىلىندى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11- يىغىنىدا ماقۇللانغان قارارغا، يەنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھارپىسىدا، جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان قىسمەن جىنايەتچىلەرنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسەن، توققۇز خىل جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان جىنايەتچىلەرنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويدى.

  يېقىندا كۆپ جايلاردا كەچۈرۈم قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نۇرغۇن جىنايەتچىلەر قانۇن بويىچە ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىندى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھارپىسىدا، جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان بىر قىسىم جىنايەتچىلەرنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئەمەلىيىتى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى بولۇپ، زور سىياسىي ئەھمىيەتكە ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئەھمىيىتىگە ئىگە.

  جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ جىنايىتىگە توۋا قىلىش بولسا، بۇ قېتىمقى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.

  7- ئاينىڭ 21- كۈنى، لۇ موجۇ جياڭسۇ ئۆلكىسى خەيمېن شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە كېلىپ، ئۇنىڭغا ئېلىپ بېرىلغان ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش كېسىمىنى ئېلان قىلىش ۋە يەتكۈزۈپ بېرىشنى قوبۇل قىلغان. گەپ-سۆزگە ماھىر بولمىغان لۇ فامىلىلىك ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى يوشۇرالمىدى.

  جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، لۇ موجۇ جىنايىتىنى تونۇپ قانۇنغا بويسۇنۇپ، تەربىيە ۋە ئۆزگەرتىشنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، ئۈچ قېتىم تەقدىرلەنگەن. جياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى سوت قىلىش ئارقىلىق، لۇ موجۇ جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە ھەقىقەتەن توۋا قىلىش ئىپادىسى بولغان، شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئولتۇراق رايونغا يامان تەسىر كۆرسەتمەسلىك ۋە شەرتلىك قويۇپ بېرىشكە بولۇش شەرتىگە ئۇيغۇن، دەپ قاراپ، جىنايەتچى لۇ موجۇغا قانۇن بويىچە شەرتلىك قويۇپ بېرىشنى قارار قىلغان.

  شۇنىڭدىن كېيىن، لۇ موجۇ مەھەللىدە تۈزىلىش پۇرسىتىنى ئىنتايىن قەدىرلەپ، ئاڭلىق ھالدا قائىدىگە رىئايە قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە جىنايىتىنى ئاكتىپ تونۇپ، گۇناھىغا توۋا قىلىپ، مەھەللە مۇلازىمەت ۋەزىپىسىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئورۇنداپ، قانۇنغا رىئايە قىلىشتا لاياقەتلىك پۇقرا بولۇش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، ئاخىرى بۇ قېتىمقى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش جەريانىدىكى ئالاقىدار شەرتلەرگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ