مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈش» چوڭ سىنىپ باش ئاغرىقىنى يوقاتتى

2019.07.29 16:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەھەر-بازارلاشتۇرۇش جەريانىدا، يېزا نوپۇسى شەھەر-بازارلارغا يۆتكىلىپ، شەھەر-بازارلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى مەنبەسى داۋاملىق كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېزا- كەنتلەرنىڭ مائارىپ ئاساسى نىسبەتەن ئاجىز بولغاچقا، نۇرغۇن يېزا-كەنتلەردىكى ئاھالىلەر ئامال قىلىپ بالىلىرىنى شەھەردىكى مەكتەپلەرگە ئاپىرىپ ئوقۇتتى. بالىلارنى تېخىمۇ ياخشى مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىش − ئاتا-ئانىلارنىڭ گۈزەل ئارزۇسى. بۇ ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ مىنىستىرلىق، كومىتېت پىكىر تارقىتىپ، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئوقۇغۇچى سانى 66دىن ئاشىدىغان ئالاھىدە چوڭ سىنىپلارنى پۈتۈنلەي تۈگىتىش، ھازىر بار بولغان 56دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار چوڭ سىنىپلارنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىش، مەملىكەت بويىچە چوڭ سىنىپلار نىسبىتىنى %5 ئىچىدە كونترول قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  چوڭ سىنىپلارنى تۈگىتىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى چوڭ سىنىپ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يەرلىكنىڭ مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، خىزمەت نىشانى ۋە ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق چوڭ سىنىپلارنى تۈگىتىشنى ئىلگىرى سۈردى. نۆۋەتتە، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى چوڭ سىنىپ سانىنى ئازايتىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.

  2018-يىلى، مەملىكەت بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى چوڭ سىنىپ سانىنىڭ ئومۇمىي سىنىپ سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %7.06 بولدى، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ سىنىپ سانىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %0.5 نى ئىگىلىدى، 2017-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، چوڭ سىنىپ سانى %28.0 تۆۋەنلىدى، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ سىنىپ سانىنىڭ نىسبىتى %78.1 ئازايدى، بۇ، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور تۆۋەنلەش نىسبىتى بولۇپ، «2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ سىنىپ سانىنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىش (%2 ئىچىدە كونترول قىلىش)» خىزمەت نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇردى ھەمدە 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا چوڭ سىنىپنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ياراتتى. لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى نۇرغۇن ئۆلكىلەرنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ۋەزىپىلىرى يەنىلا بىر قەدەر ئېغىر. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، «قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈش» بىرىكمە تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنى ئىلمىي بىر تۇتاش پىلانلاپ، چوڭ سىنىپ مەسىلىسىنى سىستېمىلىق ھەل قىلىش كېرەك.

  «كېمەيتىش ئۇسۇلى»نى ياخشى ئىشلەپ، مەكتەپكە كىرىشتىكى سىنىپلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار سانىنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك. ئەمەلىيەت داۋامىدا، «يېقىن ئەتراپتا مەكتەپكە كىرىش»، مەخسۇس تۈر بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق سىياسەتلەر دەل سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچى سانىنىڭ ئېشىپ كېتىش يوچۇقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇغۇچى مەنبەسىنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئېلىمىز چوڭ سىنىپلارنى تۈگىتىش سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ باشلىنىش يىللىقىدا دۆلەت بەلگىلىگەن ئوقۇغۇچى سانى ئۆلچىمى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يېڭى چوڭ سىنىپلارنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. بۇنى ئاساس قىلىپ، چوڭ سىنىپنى تۈگىتىشنى كۆزىتىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، سۆھبەتلىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چوڭ سىنىپ سانىنىڭ قايتا پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چوڭ سىنىپ سانىنى تۈگىتىش خىزمەت نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە مۇقىم ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ