خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى مەزگىلدە، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى مائارىپ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، مائارىپتا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلدى.
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مائارىپنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، «گۆدەكلەر تەربىيەلىنىش، ئوقۇيدىغانلار تەربىيەلىنىش» جەھەتتە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. 2018-يىلى، ئاساسىي مائارىپ خىراجىتى ئومۇمىي سېلىنمىسى 2 تىرىليون 925 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، 2012- يىلىدىكىدىن %74.1 ئاشتى. مەملىكەت بويىچە يەسلى مائارىپىدا تەربىيەلىنىش ئومۇمىي نىسبىتى، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنىڭ ئومۇمىي نىسبىتى 2012-يىلىدىكىدىن 17.2، 2.4 ۋە 3.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
«2018-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتى ئىستاتىستىكا ئاخباراتى»غا ئاساسلانغاندا، 2018-يىلى، مەملىكەت بويىچە يەسلى مائارىپىدا تەربىيەلىنىش ئومۇمىي نىسبىتى %81.7كە يەتكەن، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %94.2كە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپ ئومۇمىي نىسبىتى %88.8 كە يەتكەن. ئاساسىي مائارىپنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى ئوتتۇرا، يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتكەن ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، 2020-يىلىغا بارغاندا، مەملىكەت بويىچە ئۈچ يىللىق يەسلىگە كىرىش نىسبىتى، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنىڭ ئومۇمىي نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم %85، %95 ۋە %90كە يەتكۈزۈلۈپ، ئاساسىي مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىنىدۇ»، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ