گەنسۇنىڭ جيايۈگۈەن ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى

2019.07.24 17:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ساياھەتچىلەر 18-ئىيۇل جيايۈگۈەن گۇەنچېڭ مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا. يازلىق تەتىلگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، گەنسۇ ئۆلكىسى جيايۈگۈەن شەھىرى ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، ھەر قايسى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى. 2019-يىلى، جيايۈگۈەن شەھىرى گۇەنچېڭ مەنزىرە رايونى كېچىلىك ساياھەتچىلىكنى يولغا قويۇپ، يېڭىدىن يىپەك يولى مەدەنىيىتى مەزمۇنىدىكى جيايۈگۈەن فاڭتى سىرلىق رەسىم ئاساسىي تېما باغچا پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەت ساياھەت كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلەتتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى جاڭ جىمىن فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ