2019-يىللىق خەلقئارا سۇ ئۈزۈش بىرلەشمىسى دۇنيا سۇ ئۈزۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئەرلەرنىڭ 200 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، سۈن ياڭ چېمپىيون بولدى

2019.07.24 16:53 مەنبە: خەلق تورى

  7-ئاينىڭ 23-كۈنى، سۈن ياڭ مۇسابىقىدە سۇغا سەكرىدى. شۇ كۈنى كورېيەنىڭ گۋاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 2019-يىللىق خەلقئارا سۇ ئۈزۈش بىرلەشمىسى دۇنيا سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسى ئەرلەرنىڭ 200 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ماھىرى سۈن ياڭ بىر مىنۇت 44 سېكۇنت 93 دەقىقە نەتىجە بىلەن چېمپىيون بولدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيا فاڭ فوتوسى

  ئەرلەرنىڭ 200 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، رەقىبى قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن سەۋەبىدىن، سۈن ياڭ چېمپىيون بولدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-ئىيۇل، گۋاڭجۇ سۇ ئۈزۈش دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئەرلەرنىڭ 200 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە كومېدىيەلىك ئۆزگىرىش يۈز بەردى، ئاخىرقى نۇقتىغا ئۈزۈپ بارغان لىتۋانىيە ماھىرى راپسىس قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن رەت تەرتىپى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ئارقىدىنلا پەللىگە ئۈزۈپ بارغان جۇڭگونىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونى سۈن ياڭ بىرىنچى بولۇپ، ئۇدا 2-نۆۋەت چىمپيونلۇققا ئېرىشىپ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ سۇ ئۈزۈش تۈرىدىكى ئىككىنچى ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈردى.

  سۇن ياڭ مۇسابىقە باشلانغاندىن باشلاپ، ئەگىشىپ ئۈزۈش تاكتىكىسىنى قوللاندى. ئاخىرقى مۇساپىدە ئاندىن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۈزۈپ، 1-ماھىرغا يېتىشىۋالغىلى ئاز قالدى، 1 مىنۇت 44 سېكۇنت 93 دەقىقە نەتىجە بىلەن 2-ئورۇنغا تىزىلدى. بىراق، ئاخىرقى كۆرۈنۈش ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇردى، بىرىنچى بولۇپ نىشانغا يېتىپ كەلگەن راپسىس قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن نەتىجىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، سۈن ياڭ بۇ تۈردە چېمپىيون بولدى.

  «بۇ مېنىڭ تەنھەرىكەت ھاياتىمدىكى ئەڭ تەلەيلىك بىر قېتىملىقى بولۇشى مۇمكىن، تۇنجى قېتىم بۇنداق ئەھۋالغا يولۇقۇشۇم، لېكىن مەن يەنىلا ئۆزۈم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىپ بولغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ تەلەي ماڭا نېسىپ بولدى»، مۇسابىقىدىن كېيىن بۇ «كۈتۈلمىگەن» ئالتۇن مېدالنى تىلغا ئالغاندا، سۈن ياڭ ناھايىتى تەسىرلىنىپ شۇنداق دېدى.

  ياپونىيە ماھىرى سۇڭيۈەنكېياڭ بىر مىنۇت 45 سېكۇنت 22 دەقىقە نەتىجە بىلەن كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى، رۇسىيە ماھىرى مالگىن بىلەن ئەنگلىيە ماھىرى سكوت ئوخشاشلا بىر مىنۇت 45 سېكۇنت 63 دەقىقىدە ئۈزۈپ چىقىپ، ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.

  بۇ سۈن ياڭنىڭ 21-چېسلا «تۇنجى پاي ئوق»تا ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش چېمپىيونى بولغان، دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە بۇ تۈردە ئۇدا تۆتىنجى قېتىملىق چىمپيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدىكى 11-ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىشى.

  ئايرىم ماھىرلارنىڭ مۇكاپات ئېلىش سەھنىسىدە سالاپىتىنى يوقاتقان قىلمىشلىرىغا قارىتا، سۈن ياڭ مۇنداق دېدى: «مەن ئۆزۈم ياخشى قىلالىسام بولدى، ئەگەر باشقىلار مەندىن ياخشى قىلسا، ئۇنداقتا مېنىڭ ئامالىم يوق. لېكىن مېنىڭ بۈگۈنكى مۇسابىقە نەتىجەم، جۈملىدىن روھىم باشقا رەقىبلەرنىڭ ھۆرمەت قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.»

  سۈن ياڭ بۈگۈن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى سەككىز ماھىر ئىچىدىكى بىردىنبىر چۈشتىن بۇرۇن ئەرلەرنىڭ 800 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش تەييارلىق مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچى. ئۇ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا سۇ ئۈزۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 200 مېتىر، 400 مېتىر ۋە 800 مېتىرغا ئۈزۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. بۇ مۇسابىقە تۈرلىرى شۈبھىسىزكى، ماھىرنىڭ جىسمانىي كۈچىگە قاتتىق جەڭ ئېلان قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ