مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىل پۇتبول ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بالىلار باغچىسىدىن 3000نى تاللاپ قۇرۇشنى پىلانلىدى

2019.07.24 15:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «مەملىكەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول خىزمىتى دوكلاتى (2019-2015) »نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پۇتبول ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بالىلار باغچىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، 2019-يىلى پۇتبول ئۆزگىچە بالىلار باغچىسىدىن 3000نى تاللاپ قۇرۇش پىلانلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالىلار پۇتبول ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن، 2019-يىلى 7-ئايدا مەملىكەتلىك مەكتەپ پۇتبول ئىشخانىسى مەملىكەت بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك بالىلار پۇتبولى بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك مەخسۇس ئۈلگە كۆرسىتىش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، بالىلار باغچىسى باشلىقى ۋە ئوقۇتقۇچىدىن ئايرىم-ئايرىم 200نى تەربىيەلىدى ھەمدە ئۈلگە كۆرسىتىپ تەربىيەلەشتىن كېيىن مەملىكەت بويىچە تەربىيەلەشنى باشلىدى.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە 380 مىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئىچىدىن مەكتەپ پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپىدىن 24 مىڭ 126ى تاللاپ بېكىتىلىپ، مەكتەپ پۇتبول ئىسلاھاتى رايونىدىن 38ى تەسىس قىلىنغان، مەكتەپ پۇتبولچىلىقىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ناھىيە (رايون)دىن 135ى تاللىنىپ، مەملىكەت بويىچە «مەنتيەنشىڭ» مەشىق لاگېرىدىن 47ى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ۋە قۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك پۇتبول كوماندىسىغا ئىگە ئالىي مەكتەپلەر 181گە يەتكەن. مەملىكەت بويىچە مەكتەپ پۇتبول ئالاھىدە مەكتەپلىرىنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمى بېكىتىلىپ، مەملىكەت بويىچە 20 مىليونغا يېقىن ئوقۇغۇچىغا ھەر ھەپتىدە بىر سائەت پۇتبول دەرسى تەسىس قىلىنىپ، دەرستىن سىرتقى مەشىق ۋە مەكتەپ ئىچى بىرلەشمە مۇسابىقىسى تەشكىللەنگەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى تەنتەربىيە، سەھىيە ۋە سەنئەت تەربىيەسى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ دېڭفېڭ مۇنداق دېدى: بۇ، 24 مىڭ 126 پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپىدىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ پۇتبول تېپىشنى ئۆگىنىۋالالايدىغانلىقىدىن، يەنە كېلىپ دائىم پۇتبول مەشىقى قىلالايدىغانلىقىدىن، ھېچ بولمىغاندا سىنىپنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەكتەپ پۇتبول مۇسابىقە پائالىيىتىگە قاتنىشالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 2018-يىلى 9-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مەكتەپلەردە جەمئىي 120 مىڭ 960 پۇتبول مەيدانى بار ئىكەن. 2015-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا يېڭىدىن سېلىنغان، كېڭەيتىپ سېلىنغان مەكتەپ پۇتبول مەيدانى 32 مىڭ 432 بولۇپ، 2020-يىلىغا بارغاندا يەنە 28 مىڭ 545 پۇتبول مەيدانى يېڭىدىن سېلىنىدىكەن ياكى كېڭەيتىپ سېلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ