خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، سۇدان فاشىر دەرىجىدىن تاشقىرى لاگېرىدا، ب د ت بىلەن ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ دارفۇردا تۇرۇشلۇق بىرلەشمە ئالاھىدە ئۆمىكى (ب د ت، ئافرىقا ئىتتىپاقى دارفۇر ئۆمىكى)نىڭ مۇئاۋىن بىرلەشمە ئالاھىدە ۋەكىلى ئاننېتا چىچى گېبى خانىم جۇڭگونىڭ 2-تۈركۈمدە سۇدانغا بېرىپ تىنچلىق ساقلاش تىك ئۇچار ئايروپىلان شۆبە ئەترىتىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىگە ئوردېن بەرمەكتە.
ب د ت، ئافرىقا ئىتتىپاقى دارفۇر ئۆمىكى 17-چېسلا سۇدان فاشىر دەرىجىدىن تاشقىرى لاگېرىدا جۇڭگونىڭ 2-تۈركۈمدە سۇدانغا بېرىپ تىنچلىق ساقلاش تىك ئۇچار ئايروپىلان شۆبە ئەترىتىدىكى 140 ئوفىتسېر-ئەسكەرگە تىنچلىق شان-شەرەپ ئوردېنى بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ