«قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش ئابىدىسى − شىزاڭ دېموكراتىك ئىسلاھاتىنىڭ 60 يىللىقى ئالاھىدە كۆرگەزمىسى»نى زىيارەت

2019.07.19 16:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر «قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش ئابىدىسى − شىزاڭ دېموكراتىك ئىسلاھاتىنىڭ 60 يىللىقى ئالاھىدە كۆرگەزمىسى»دە سۈرەتلەرنى كۆرمەكتە.

  نۆۋەتتە، «قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش ئابىدىسى − شىزاڭ دېموكراتىك ئىسلاھاتىنىڭ 60 يىللىقى ئالاھىدە كۆرگەزمىسى» بېيجىڭدىكى شىزاڭ مەدەنىيەت مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، نۇرغۇن تاماشىبىننى جەلپ قىلدى. بۇ كۆرگەزمىنى جۇڭگو شىزاڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش جەمئىيىتى، جۇڭگو زاڭزۇشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزى ۋە شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، جەمئىيەتكە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ، بۇ كۆرگەزمە 12- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ