ئۇچقۇنلار سىچۈەن، گۇيجۇ چېگراسىغا چېچىلدى، قىزىل ئەسلىمىلەر ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەستە ساقلاندى

2019.07.19 16:44 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 7-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان چۇڭچىڭ شەھىرى يۇياڭ ناھىيەسى نەنياۋجيې بازىرى كۆرۈنۈشى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «قىزىل ئارمىيە، قىزىل ئارمىيە؛ ئالغا، ئالغا» ئەينى يىللاردىكى قىزىل ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا، قىزىل ئارمىيەنى بىلىدىغان- بىلمەيدىغانلىقى سورالغاندا، ئاران تۆت ياشقا كىرگەن دۇ خاۋيۈ ئاچىسىنى تارتىپ چىقىپ، بۇ بالىلار قوشىقىنى ئېيتىپ بەردى. نەنياۋجيې دەپ ئاتىلىدىغان بۇ چۇڭچىڭ تاغلىق رايونىدىكى كىچىك بازاردا، قىزىل ئارمىيەنىڭ ھېكايىسى ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولدى.

  «1932-يىلى يىلى 8-، 9-ئايلاردا، سولچىل لۇشيەننىڭ خاتالىقى تۈپەيلىدىن، قىزىل 3-ئارمىيە قورشاپ يوقىتىشقا قارشى تۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، خۇڭخۇ رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى. جاپالىق كۈرەش ئارقىلىق، قىزىل 3-ئارمىيە 1934-يىلى 6-ئاينىڭ- 4-كۈنى نەنياۋجيېغا ئورۇنلاشتى». چۇڭچىڭ شەھىرى يۇياڭ تۇجيازۇ-مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى قىزىل مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بەي مىڭيۆ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قىزىل 3- ئارمىيە بىر تەرەپتىن دەم ئالدۇرۇش- تەرتىپكە سېلىشنى چىڭ تۇتسا، يەنە بىر تەرەپتىن گومىنداڭ ئارمىيەسى بىلەن كۆپ قېتىم جەڭ قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا نەنياۋجيېنى مەركەز قىلغان سىچۈەن- گۈيجۇدىكى 100 كىلومېتىردىن ئارتۇق 17 سوۋېت رايونى ۋە 100 دىن ئارتۇق يېزا سوۋېت ھاكىمىيىتىگە ئىگە شەرقىي گۈيجۇ ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنى قۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ