مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

8-ئايدىن باشلاپ يېڭى بەلگىلىمە يولغا قويۇلىدۇ: مەركەز ئورۇنلىرىدىكى كاماندىروپكىغا چىققان خادىملار تاماق خىراجىتىنى ئۆزى ھەل قىلىدۇ

2019.07.19 16:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئورگانلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا «كاماندىروپكا تاماق پۇلى ۋە شەھەر ئىچى قاتناش ھەققى ئېلىم-بېرىم قىلىشنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار ئىشلارنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتقان.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەركەز ئورۇنلىرىدىكى كاماندىروپكىغا چىققانلار كاماندىروپكا مەزگىلىدە بەلگىلىمە بويىچە تاماق ياردەم پۇلى ئالىدۇ. خىزمەت ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن كۈتۈۋالغۇچى ئورۇن بەلگىلىمە بويىچە ئورۇنلاشتۇرغان بىر قېتىملىق خىزمەت تامىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تاماق خىراجىتىنى ئۆز ئالدىغا ھەل قىلىدۇ. كاماندىروپكىغا چىققانلارنىڭ تامىقىنى كۈتۈۋالغۇچى ئورۇن ياردەملىشىپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، كاماندىروپكىغا چىققانلار كونترول قىلىش ئۆلچىمىنى ئالدىن ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە تاماق بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپكە تاماق پۇلى تاپشۇرۇشى كېرەك. كاماندىروپكىغا چىققان خادىملار كاماندىروپكىغا چىققاندا بەلگىلىمە بويىچە شەھەر ئىچى قاتناش ھەققىنى ئالىدۇ. كۈتۈۋالغۇچى ئورۇن قاتناش قورالى بىلەن تەمىنلەشكە ياردەملەشسە ھەمدە ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بولسا، كاماندىروپكىغا چىققانلار ئۆلچەم بويىچە ھەق تاپشۇرىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا كۈنلۈك شەھەر ئىچى قاتناش ھەققى ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بولمىسا، ھەر بىر ئادەم ھەر يېرىم كۈندە شەھەر ئىچىدىكى قاتناش ھەققى ئۆلچىمىنىڭ %50 ى بويىچە ھەق تاپشۇرىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كۈتۈۋالغۇچى ئورۇن تاماق ئورۇنلاشتۇرۇش، قاتناش قورالى بىلەن تەمىنلەشكە ياردەملەشسە، كاماندىروپكىغا چىققانلار مۇناسىپ مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مەبلەغ مۇئامىلىسى راسچوت تالونى ياكى باج تالونى قاتارلىق دوكۇمېنتلارنى تەلەپ قىلىشى، شەخسلەر ئۇنى ساقلاپ قويۇشى، ئاتچوت قىلىش ئاساسى قىلماسلىقى كېرەك. كۈتۈۋالغۇچى ئورۇن بەلگىلىمە بويىچە كاماندىروپكىغا چىققانلارنىڭ ئالاقىدار خىراجىتىنى ئېلىشى، مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مەبلەغ مۇئامىلە راسچوت تالونى ياكى باج تالونىنى ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك؛ يۇقىرىقى دوكۇمېنتلارنى ھەقىقەتەن بېرەلمىسە، باشقا پۇل تاپشۇرۇۋېلىش دوكۇمېنتلىرىنى چىقىرىپ بەرسە بولىدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش» 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ