مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى پىكىر بېسىپ تارقاتتى

كەسپىيلەشكەن، كەسىپلەشكەن دورا تەكشۈرگۈچىلەر قوشۇنى قۇرۇش كېرەك

2019.07.19 16:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19 – ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «كەسپىيلەشكەن، كەسىپلەشكەن دورا تەكشۈرگۈچىلەر قوشۇنى قۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، ئىلمىي نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەنبەدىن قاتتىق ئالدىنى ئېلىش، جەريانىنى قاتتىق باشقۇرۇش، خەتەرنى قاتتىق كونترول قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى ۋە دورا، ئۈسكۈنە ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كەسپىيلەشكەن، كەسىپلەشكەن دورا(داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، گىرىم بۇيۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تەكشۈرگۈچى دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بېكىتكەن، باشقۇرۇلغۇچىنىڭ دورا تەتقىق قىلىپ ياساش، ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن، پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنلۇقىنى بېكىتىدىغان ۋە خەۋپ -خەتەرگە ھۆكۈم قىلغۇچى خادىم بولۇپ، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، دورا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تايانچ كۈچ. كەسپىيلەشكەن يۆنىلىش ۋە كەسىپلەشكەن، تېخنىكىلىق تەلەپلەردە چىڭ تۇرۇپ، 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، گوۋۇيۈەن دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى كەسپىيلەشكەن، كەسىپلەشكەن دورا تەكشۈرگۈچىلەر قوشۇنىنىڭ تۈزۈم سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىشى كېرەك. بۇ ئاساستا، يەنە ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە ۋاقىتتا، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرىدىغان كەسپىيلەشكەن، كەسىپلەشكەن دورا تەكشۈرگۈچىلەر قوشۇن سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى تەكشۈرگۈچىنى ئاساس، قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى تەكشۈرگۈچىنى قوشۇمچە قىلىدىغان، سىياسىيدا قاتتىق، ساپاسى ياخشى، كەسىپتە كامالەتكە يەتكەن، پاك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەكشۈرگۈچىلەر قوشۇنىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ