مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گەنسۇ، گۈيجۇ ئۆلكىلىرى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى

2019.07.19 08:46 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گەنسۇ، گۈيجۇ ئۆلكىلىرى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  گەنسۇ جىڭمېي گۇرۇھى داشۈيتۇ كېنىدا، بىر مەيدان ئالاھىدە ئاساسىي تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتى جۇڭگو تۆمۈر يولى لەنجۇ ئىدارىسى گۇرۇھى شىركىتىنىڭ لەنجۇ يۈك تىرانسپورت مەركىزى بىلەن گەنسۇ جىڭمېي گۇرۇھى داشۈيتۇ كېنى تاللاپ توشۇش ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى بىر يەرگە جەم قىلدى، ئۇلار پارتىيە بايرىقى ئالدىدا تەنتەنىلىك قەسەم بېرىپ، « ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  نۆۋەتتە كۆمۈر كارخانىلىرى بازار كاساتلىشىش مەزگىلىگە دۇچ كەلدى. بۇ قېتىمقى ئاساسىي تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىدە داشۈيتوۋ كېنى مەخسۇس لىنىيەسى ئوچۇق ساندۇق قاچىلاش بىرلەشمە پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتى قۇرۇلدى، بۇ ئەترەت لەنجۇ يۈك تىرانسپورت مەركىزى بۇ يىل يولغا قويغان يېڭى تىپتىكى يۈك ساندۇقىدىن پايدىلىنىپ داشۈيتو كېنىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك توشۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ. گەنسۇ جىڭمېي گۇرۇھى داشۈيتۇ كېنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى لىڭ ياۋۋېي مۇنداق دېدى: ياچېيكا قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆلچەمنى، باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىپ، كۆمۈر سۈپىتىنى چىڭ تۇتىمىز.

  گۇيجۇ ئۆلكىسى چيەنشى ناھىيەسىدە، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مەۋقەنى ئۆز ۋەزىپىسىگە قارىتىپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. چيەنشى ناھىيەسى جىنشىڭ بازىرىدىكى مىڭ مو غول پىياز ئۆستۈرۈش بازىسىدا، دېھقانلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، غول پىياز كۆچۈرمەكتە ئىدى. جىنشىڭ بازىرى چىڭگۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1- شۇجىى خې يۇڭ مۇنداق دېدى: كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزنىڭ ئەسلى مەقسىتىمىز ــ ئاممىنىڭ ياخشى مۇلازىمەتچىسى بولۇپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىش. كەنتىمىز ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا غولپىياز، ئاق قوناق قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، كەنتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى مۇستەھكلەش.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ